76ياشلىق بوۋاي ئايالى بىلەن ئەرمەك ئىتلىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋەتتى

1001 2012-04-02 11:48:11   خەلقئارا لىنىيەسى مەخسۇس خەۋىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    رېيتېر ئاگېنتلىقى خەۋىرى،ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىدىكى 76ياشلىق بوۋاي ئۆيىدە تاپانچا بىلەن ئايالى بىلەن ئىككى ئەرمەك ئىتىنى ئېتىۋەتكەن،يېقىندا ئۇ ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن،ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئەرمەك ئىتىنى ئۆلتۈرۈشتىكى سەۋەبى بولسا ئەرمەك ئىتنىڭ ئۆيگە تەرەت قىلىپ قويغانلىقىدىنكەن.
  خەۋەر قىلىشىچە،بۇ مىجەزى قاتتىق چۇس ھەم تەرسا ئادەمنىڭ ئىسمى مايكول.سىتىف (Michael Stephen Stolz)بولۇپ،ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى بورنىس.ستولىز(Bernice Stolz)،بۇ يىل 49ياش.مايكول.سىتىف ساقچىلارغا،ئەينى ۋاقتىدا ئۆيىدىكى گىرمانىيە پادىچى ئىتى پولغا تەرەت قىلىپ قويغانلىقىنى،شۇنىڭ بىلەن مايكولنىڭ قاتتىق غەزىپى كېلىپ،تاپانچىنى ئېلىپ چىقىپلا ئىككى ئەرمەك ئىتىنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى،ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن ئايالى چىقىراپ كەتكەن،شۇنىڭ بىلەن بوۋاي ئايالىنىمۇ ئېتىۋەتكەنلىكىنى ئېيىتقان.
   شۇيەر ساقچىلىرىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن،ئۇلار مايكولنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىتنىڭ جەسىتىنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغان بولۇپ،كامېرا بېكىتىلگەن ماشىنا ئادەمنى ئۆيگە كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان،ھەمدە تەرسا بوۋاينىڭ ئايالىنىڭ بېشىغا ئوق يېگەن ھالەتتە ياتقىننى كۆرگەن.
   مايكول بەك كۆپ قارشىلىق كۆرسەتمەيلا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن،ئۇ ئايالى بىلەن ئىككى ئەرمىكىنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ ئۆزىنى ئېتىۋىلىشنى ئويلاشقانلىقىنى ئېيىتقان،لېكىن ئوق تۈگەپ قالغانلىقتىن مەقسىتىگە يېتەلمىگەن،مايكولنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن روھىي كېسەل بولغان تارىخى يوقكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博