101 ياشلىق موماي پاراشۇتتىن سەكرەپ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى

90 2012-03-26 12:33:46   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  
     ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قېلىشىچە ، ئامىرىكىلىق 101 ياشلىق موماي مەۋرۈي . ئەيلۈن تەۋەككۈل قىلىشقا ئىنتايىن قىزىقىدىغان بولۇپ ، ئۆتكەن يىلى پاراشۇتتىن سەكرەشتىن ئىبارەت بۇ خەتەرلىك تەنھەرىكەت تۈرىگە قىزىقىپ قالغان . ئۇ ئۆزىنىڭ 101 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە ، نەچچە مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىن پاراشۇت ئارقىلىق سەكرەپ ، ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن . 3 –ئاينىڭ 20 –كۈنى ،  مەۋرۈي رەسمى ھالدا دۇنيا جىنس رېكورتى قامۇسىغا كىرگۈزۈلۈپ ، ‹‹ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ياشلىق پاراشوت بىلەن سەكرىگۈچى ئايال ››غا ئايلانغان .     

   3- ئاينىڭ 20 – كۈنى ، جىنس دۇنيا رېكورتى باش بۆلۈمىدىكىلەر ، مەۋرۈينى رەسمى ھالدا دۇنيا جىنس رېكورتى قامۇسىغا كىرگۈزگەن ، مەۋرۈي ‹‹ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ياشلىق پاراشوت بىلەن سەكرىگۈچى ئايال ››غا ئايلانغان

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博