يېقىندا ،ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ،مودا ناخشا شاھى مايكول .جېكسوننىڭ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئولتۇرغان ئۆيى يەنە بىر قېتىم كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىكەن .ئۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ ئۆي لوس ئانژېلېستا كىم ئارتۇق كېلىپ سېتىلغان ،لېكىن باھاسى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولغانلىقتىن سېتىلماي قېلىپ قالغان .
17000كۋادرات ئىنگلىزچىسى كېلىدىغان ،13ئېغىز ياتاق ئۆي، 7تازىلىق ئۆيى، 1سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىن تەركىب تاپقان بۇ ھەشەمەتلىك ئۆي مايكول.جېكسون ھايات ۋاقتىدا ئولتۇرغان ئۆيى بولۇپ ،لوس ئانژېلىس ساقچىلىرى مۇشۇ ئۆيدە مايكول.جېكسوننىڭ جەسىتىنى ۋە ئۇ ئۆلۈشتىن ئاۋۋال يېگەن 25خىل داۋالىنىدىغان دورىسىنى بايقىغان .مايكول.جېكسون ۋاپات بولغاندىن كېيىن بۇ ئۆي ھەر ئايلىق ئىجارىسى 1مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىۋېتىلگەن .
بۇ ئۆينى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشقا مەسئۇل كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ساھەسىنىڭ باش دىرېكتورى مارىشوۋ.ھوماسنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ،ھازىر نۇرغۇن بايلار مايكول.جېكسوننىڭ بۇ ھەشەمەتلىك ئۆيىنى سېتىۋېلىش ئارزۇسىدا بولۇۋاتىدۇ .بۇ ئۆينىڭ ئىككىنچى قېتىم كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ۋاقتى كېلەر ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى بولۇشى مۇمكىن ھەمدە بۇ قېتىملىق سېتىش ناھايىتى مەخپىي ھالدا لوس ئانژېلېستا ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئالدىن مۆلچەرلەنگەن سېتىش باھاسى 23مىليون 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولىدىكەن .
لېكىن مەلۇم بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ،مايكول .جېكسوننىڭ بۇ ئۆيىنى بىرەيلەن سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ھەمدە سېتىۋالغاندىن كېيىن بۇ ئۆيگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ مايكول جېكسوننى خاتىرىلەش ،ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغان خاتىرىلەش مەركىزى قىلماقچى ئىكەن .