يېقىندا كورىيە زۇڭتۇڭى قازاقىستاندا زىيارەتتە بولدى، زىيارەت جەريانىدا ئىككى دۆلەت زۇڭتۇڭلىرى سۆھبەتلىشىپ قازاقىستان بىلەن كورىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
زىيارەت جەريانىدا كورىيە ۋە قازاقىستان زۇڭتۇڭلىرى بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە، يەنە كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى يېڭى بىر سەۋىيەگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ۋە تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بۇ كورىيە زۇڭتۇڭىنىڭ قازاقىستاننى زىيارەت قىلىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتى. شۇڭا بۇ قېتىملىق زىيارەتتە كورىيە ھۆكۈمىتى قازاقىستاندا قىممىتى 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان تۈر تالونىغا ئېرىشتى.
بۇ 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەمكارلىق تالونى ئاساسەن تۆۋەندىكى تۆت چوڭ ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى قازاقىستاننىڭ بالقاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، لايىھەلەش، ئىش باشلاش ۋە ئۇنى قوغداش كېلىشىمى؛ قازاقىستاننىڭ ئاتراۋ ئوبلاستىدىكى تەبىئىي گاز خىمىيە سانائەت بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق تۈر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش ئەسلەتمىسى؛ بۇ تۈر قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل شېرىكلەشكەن كارخانىنى قۇرۇش ھەققىدىكى كېلىشىم ۋە قازاقىستان كورىيە تېخنىكا ھەمكارلىق مەركىزىنى قۇرۇش كېلىشىمى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
يۇقىرىدىكى تۆت كېلىشىم ئىچىدە قازاقىستان بالقاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش قىممىتى 4 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قازاقىستاندا سېلىنغان ئەڭ چوڭ يېڭى ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھېسابلىنىدۇ. 2009 - يىلى 5 - ئايدا كورىيەنىڭ ئېلېكتىر (OCPEK) شىركىتى، سامسۇڭ (gnusmaS) شىركىتى ۋە قازاقىستاننىڭ سۇمرۇغ ئېلېكتىر شىركىتى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ خەلقئارالىق خېرىدار چاقىرىشىدا ئۇتۇپ چىقىپ، ھەمكارلىق كېلىشىمى ئورناتقان، شۇنداقلا بالقاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق تاماملىماقچى بولغانىدى. بالقاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈندى. قۇرۇلۇشنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا سىغىمچانلىقى 660كىلوۋاتقا يېتىدىغان 2 گېنېراتور گۇرۇپپىسى ئورنىتىلىدۇ، بۇ قۇرۇلۇش 2014 - يىلى تاماملىنىدۇ؛ ئىككىنچى باسقۇچتىمۇ ئوخشاشلا سىغىمچانلىقى 660 كىلوۋات بولغان 2 گېنېراتور گۇرۇپپىسى ئورنىتىلىپ، بۇ قۇرۇلۇش 2017-2016 - يىللىرى تاماملىنىدۇ. شۇ چاغدا بالقاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 1 تىرىليون 700 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ. ئاتراۋ تەبىئىي گاز خىمىيە سانائەت بىرلەشمە گەۋدىسى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈش ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 6 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. بۇنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىدا جۇڭگو ئىمپورت - ئېكسپورت بانكىسى 138 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ چىقىرىدۇ. بۇ تۈرنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈش قىممىتى 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ، بۇ مەبلەغنى چىقىرىشقا كورىيە تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن بۇ زاۋۇتنىڭ يىللىق پولى ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 800 مىڭ توننىغا، پولىپروپىلېن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى400مىڭ توننىغا يېتىدۇ. قازاقىستان كورىيە تېخنىكا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى تېخنىكىلار ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى ئۈچۈن تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشتە ئېچىۋېتىلگەن سەھنە ھازىرلايدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ