جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 30-چىسلادىكى خەۋىرى:كورىيە‹‹چاۋشيەن گېزىتى››نىڭ 30-چىسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىدكى داللاستا ئافرىقىلىق كۆچمەنلەرنىڭ كورىيىلىكلەرگە بولغان ئۆچمەنلىكى ئەۋجىگە چىققان بولۇپ ، بۇ ئافرىقىلىق كۆچمەنلەر بىلەن كورىيە مۇھاجىرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كىشىنى ئەنسىرەتكۈدەك دەرىجىگە يەتكەن. شۇ يەر ۋاقتى 28-چىسلا شۇ يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن كورىيە مۇھاجىرلىرى مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى ئاينىڭ 9-كۈنى،داللاستىكى ئافرىقىلىق كۆچمەنلەر رايونىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتىدا تىجارەت قىلىدىغان كورىيىلىك مۇھاجىر بىلەن ئافرىقىلىق چارۋىچى مۇھەممەد تاكاللىشىپ قالغانلىقتىن سۈركىلىش كېلىپ چىققان.
مۇھەممەدنىڭ قارىشىچە،ئۇ كورىيىلىك ساتقان ماينىڭ باھاسى باشقا جايدىكىدىن يۇقىرى بولغاچقا مۇھەممەد ئېتىراز بىلدۈرگەن،ئەمما ئۇ كورىيىلىك ئۇنى ئەمىسە باشقا جايغا بېرىپ ماي قاچىلا دىگەنلىكتىن ئىككىيلەن تاكاللىشىپ قالغان. مۇھەممەد نەگە باراتتىم ،سەن ئۆزۈڭنىڭ دۆلىتىڭگە قايت دېسە ،ئۇ كورىيىلىك سەن ئافرىقىغا قايت دەپ ئىككىيلەن ئۇرۇشۇپ قالغان.
ئۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەد ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ ئالدىدا ‹‹ئۇ كورىيىلىك بىزنى كەمسىتىدىغان گەپلەرنى قىلدى›› ‹‹ئافرىقىلىق ئايالنىڭ سومكىسىنى ئاختۇردى››‹‹ئافرىقىلىق كۆچمەنلەرنىڭ نەرسىسىنى ئوغرىلاپ ئۇنى ئۇردى››دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلاردىكى تەشۋىقات ۋاراقچىسىنى تارقىتپ،بۇ ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ ئەتراپىغا ئافرىقىلىق كۆچمەنلەرنى چاقىرىپ ئەكىلىپ،ئۇنىڭ نورمال تىجارەت قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزگەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ