تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان كورېيە پىرېزىدېنتى لىي مىيۇڭ باك، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشتى، باكنىڭ سەمىمىي ھەرىكەتلىرى ھەممىنى قىزىقتۇردى. لىي مىيۇڭ باك، كەچ تەرەپتە تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ زىياپىتىگە قاتناشتى. كورېيە پىرېزىدېنتى لىي مىيۇڭ باك، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا ناھايىتى سەمىيمىلىك بىلەن جاۋاب بەردى.ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالغان لىي مىيۇڭ باك، بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈنسېرى تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
كورېيە تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتىدىن كورېيە تىلىدا سوئال سورىدى. ئوقۇغۇچىلارغا كەچۈرمىشلىرىنى ھېكايە قىلىپ بەرگەن لىي مىيۇڭ باك، شوخ ھەرىكەتلىرى بىلەن دىققەتلەرنى تارتتى.كورېيە پىرېزىدېنتى لىي مىيۇڭ باك، كەچ تەرەپتە تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئۇنىڭ شەرىپىگە بەرگەن زىياپىتىگە قاتناشتى.زۇڭتۇڭ گۈل زىياپەت ئەسناسىدا قىلغان سۆزىدە، «كورېيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ، تۈرك خەلقىنىڭ بۇ پىداركارلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى ۋە ئۇرۇشتا ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن ئۇلارغا ئامانەت قالدۇرغان شېھىتلىرىمىزنىڭ خاتىرىسىنى جانلىق تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىقلىرىنى بىلىش بىزلەرنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇرماقتا» دېدى.
كورېيە پىرېزىدېنتى لىي مىيۇڭ باك، كورېيە غازىسى سۇلايمان دىلبىرلىگىنىڭ ئەسلىمىلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. لىي مىيۇڭ باك، يېتىم قالغان كىم ئۇن جۇغا كورېيە غازىسىنىڭ قانداق ئاتىدارچىلىق قىلغانلىقىنى ھېكايە قىلىپ بەردى.لىي مىيۇڭ باك، «ئەسكەر سۇلايمان، كوچىدا سوغۇقتىن تىتىرەۋاتقان يالغۇز بىر قىز بالىنى تېپىۋالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئايلا دەپ ئىسىم قويۇپ، ئۆز قىزىدەكلا ئاسراپ باقىدۇ. سۇلايمان ئەسكەرلىك ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۈركىيەگە قايتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. لېكىن ئايلانى ئۇنۇتالمىغان سۇلايمان، ئارىدىن 60 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنى قايتىدىن تاپىدۇ ۋە كۆز ياشلىرى ئىچىدە باغرىغا باسىدۇ» دېدى.