شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مىكرو بىلوگ مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

0 2011-12-28 13:00:36   جۇڭگو رادىيو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

27  -دېكابىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە سىنا تورى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مىكرو بىلوگ مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مۇنبەردە ئاساسلىقى قانداق قىلغاندا مىكرو بىلوگ ئالاقە تورى ئارقىلىق تور ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلار مۇزاكىرە قىلىندى.


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى لۈي خۇئەنبىن مۇنداق دېدى: «مىكرو بىلوگ ئىنتېرنېت تورىدىكى، تارقىتىش سۈرئىتى تېز، ئومۇملىشىش نىسبىتى بىر قەدەر چوڭ، تەسىر دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان يېڭى ئالاقىلىشىش قورالى بولۇپ، ئۇچۇر يەتكۈزۈش، خەلق پىكىر بىلدۈرۈش ۋە جامائەت پىكرىنى نازارەت قىلىش قاتارلىق پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئالاقىلىشىش قورالىغا ئايلاندى. ھازىر، شىنجاڭدا ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %40 كە يەتكەن بولۇپ، تور ئابۇنت سانى 8 مىليون 830 مىڭغا يېتىپ، مىكرو بىلوگ شىنجاڭدا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلماقتا».


سىنا تورىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى، باش تەھرىر چېن تۇڭ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى بۇ مۇنبەرنىڭ ئېچىلىشى بولسا مىكرو بىلوگنىڭ بىر باشلىنىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. سىنا تورى بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ مىكرو بىلوگ ۋە تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ ياخشى بولغان خەلق ئىشلىرى مىكرو بىلوگ سەھنىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ۋە مىكرو بىلوگنىڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز».

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博