ئاپتونوم رايون مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنى ئاچتى

0 2011-12-27 13:05:36   جۇڭگو رادىيو تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   ئاپتونوم رايون 24 - دېكابىر چۈشتىن كېيىن مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق 8 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2011 - يىللىق مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتى خۇلاسىلەندى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇقىملىق ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىندى ۋە ھۆكۈم چىقىرىلدى، 2012 - يىللىق مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

   ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە رەھبەرلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، چې جۈن، خەن يۇڭ، پېڭ يۇڭ، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، خۇ ۋېي، شيۇڭ شۈەنگو، ليۇ شىنچى، جاپپار ھەبىبۇللا، ۋاڭ ۋېي، لەي سېيى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى مۇقىملىق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ھۆكۈم مۇنداق: ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ھەم تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا داۋاملىق ياخشى يۈزلىنىشكە راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ، بىراق مۇقىملىق ئاساسىمىز يەنىلا ئاجىزراق، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: 2012 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق 8 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھالقىلىق يىل، شۇنداقلا پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى قاتارلىق مۇھىم سىياسىي پائالىيەتلەر مەركەزلەشكەن يىل، كېلەر يىلى بىز 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو  −− ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسىنى ئۆتكۈزىمىز. كېلەر يىللىق مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ناھايىتى زور، تولىمۇ ئالاھىدە، ئىنتايىن چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. مەسئۇلىيەت ناھايىتى ئېغىر، ۋەزىپە ناھايىتى مۈشكۈل. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ۋە ھەرقايسى مۇقىملىقنى ساقلاش كۈچلىرى، ھەرقايسى ئورۇنلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.


  جاڭ چۈنشيەن كېلەر يىللىق مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە ئومۇمىي تەلىپىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق 8 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى 32 مۇھىم تەدبىردە چىڭ تۇرۇپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى دائىملاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش.

  جاڭ چۈنشيەن كېلەر يىللىق مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىرىنچى، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىقنى ساقلاش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، بىر تەرەپ قىلىش، بايقاش، زەربە بېرىش، مۇداپىئەلىنىشتىن ئىبارەت «تۆت خىل ئىقتىدار»نى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە قەتئىي چەكلەپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش، تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىش كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق - ئېجىل ئۆتۈشى، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشى، ئىناق راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئىجابىي جامائەت پىكرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاكتىپ، ساغلام، ئالغا ئىنتىلىدىغان ئاساسىي ئېقىم جامائەت پىكرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، زورايتىش كېرەك؛ قانۇنسىز تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈش، يىغىۋېلىش ۋە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  بەشىنچى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامدىكى مۇقىملىقنى ساقلاش كۈچلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ نۇقتىلىق رايونلارنى تەكشۈرۈش - تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  ئالتىنچى، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىشنى يادرولۇق ۋەزىپە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ زىددىيەتلەرنى تەكشۈرۈش - پەسەيتىش، بىخ ھالىتىدە سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىشنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش كېرەك؛ خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

  قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئالاقىدار بۆلۈم، كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博