ئاقما نوپۇس بىر كىنىشكە بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىگە بارالايدۇ «‹تۇرۇش كىنىشكىسى› بار بولغاچقا، ئىشلەش، بالىلارنى مەكتەپكە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە يەرلىك ئاھالە بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز، كۆڭلىمىز خاتىرجەم بولدى»، دېدى قولىدىكى «تۇرۇش كىنىشكىسى»نى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، شاياردىن ئۈرۈمچىگە ئىشلىگىلى كەلگەن مۇنەۋۋەر مەخمۇت. 20-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تاشبۇلاق ئاھالە كومىتېتىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاقما نوپۇسلارغا تۇنجى تۇرۇش كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، سىرتتىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن مۇنەۋۋەر مەخمۇت، ۋاڭ گەيخۇڭ قاتارلىق 10 كىشى تۇنجى تۈركۈمدە « تۇرۇش كىنىشكىسى » ئالدى.
«تۇرۇش كىنىشكىسى » تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئىلگىرىكى «ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى»نىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەر يىلى كىنىشكە بىجىرىلىدىغان، ھەر قايسى جايلاردا تەكرار كىنىشكە بىجىرىدىغان ئەھۋاللارغا تەدرىجى خاتىمە بېرىلىپ، ئاقما نوپۇسلارنىڭ «بىر كىنىشكە بىلەن، پۈتۈن شىنجاڭغا بارالىشى» بولۇش» ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى بىرىنچى خانىمنى‹‹ساغرىسى چوڭ››د...
پىڭراڭ جىن جېڭرىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە بارلىق شەھەر ئاھالىسىگ...
ئىراقتا 13 قېتىم كەينى-كەينىدىن پارتلاش يۈز بېرىپ، 63 كىشى قاز...
شىنجاڭدا پۇل توشۇيدىغان تۆت ساقچى بۇلاڭچىلىق قىلدى، ھەمدە س...
يەمەننىڭ پايتەختىدىكى قۇراللىق توپىلاڭچىلار داۋاملىق ھۆكى...