شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت شەھەر مەركەز زاپاس ساقلىغان توڭلىتىلغان كالا قوي گۆشىنى تارقاتتى

0 2011-12-28 12:57:02   جۇڭگو رادىيو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 دۆلەتلىك سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى 27 - دېكابىردىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت شەھەردە مەركەز زاپاس ساقلاپ قويغان توڭلىتىلغان كالا، قوي گۆشىنى تارقىتىپ، ئىككى بايرام مەزگىلىدىكى بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كالا، قوي گۆشى باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، ئۈرۈمچى يېكەنكۆل مەيدانى يېنىدىكى مەركەز زاپاس گۆشلىرىنى بىۋاستە سېتىش ئورنىغا بالدۇرلا كېلىپ ئۆچرەت تۇرغان ئامما ھەر كىلوگىرامى 26 يۈەن ۋە 27 يۈەن بولغان توڭلىتىلغان كالا، قوي گۆشىنى بىردەمدىلا ئېلىپ بولدى، شەھەر ئاھالىلىرى بۇ گۆشنىڭ باھاسى ناھايىتى ئەرزان ئىكەن، دېيىشتى.

بۇ قېتىمقى تارقىتىش خىزمىتىدە بىۋاستە سېتىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، ئۈرۈمچى، قاراماي، سانجى شەھىرىدە 15 بىۋاستە سېتىش ئورنى تەسىس قىلدى، ھەربىر ئادەمنىڭ پەقەت يېرىم قوي گۆشى ۋە 10 كىلوگىرام كالا گۆشى سېتىۋىلىشىغا چەك قويدى. يېكەنكۆلدىكى بىۋاستە سېتىش ئورنىدا ئالدىراش بولۇپ كەتكەن تارقىتىش كارخانىسى __ شىنجاڭ دۇڭباۋ توڭلىتىلغان يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىدىكى دۇڭ يۇڭلياڭ مۇخبىرغا: «چۈشتىن كېيىن سائەت 5 كىچە، ئۆچرەت تۇرغان بارلىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ گۆش سېتىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى.

   بېقىلىۋاتقان مال سانى ئاز بولۇش، باقمىچىلىق تەننەرخى يۇقىرى بولۇش، ئىستېمال مىقدارى ئېشىپ كېتىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرى بىلەن شىنجاڭدىكى كالا، قوي گۆشىنىڭ باھاسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى بولدى، بۇ قېتىمقى تارقىتىش خىزمىتىنى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ كېلەر يىلى باھار بايرىمى كەلگۈچە داۋاملاشتۇرۇپ، بازارنى ئۈنۈملۈك تەمىنلەپ، گۆش باھاسىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. شىنجاڭ سودا ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازارەت باشلىقى پەرھات: «شەھەر - بازارلاردىكى تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان بولغان مەركەزنىڭ زاپاس گۆشىنى سېتىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پايدىغا ئېرىشتۈرۈش كېرەك» دەپ بىلدۈردى.

   پەرھات يەنە: «بۇ قېتىمقى تارقىتىش خىزمىتىنىڭ مىقدارى كۆپ، ۋاقتى ئۇزۇن، باھاسى ئەرزان، سۈپىتى ياخشى بولۇشقا كاپاتلىك قىلىمىز، تارقىتىش تۈزۈمى ۋە بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ھەرمىللەت ئاممىسىغا، بولۇپمۇ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە قاراشلىق ئائىلىلەر ۋە ئوتتۇرا تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، يېڭى يىل ۋە باھار بايرىمىنى خۇشال - خورام ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博