ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يۈ جېڭشېڭ 25 - دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن شاڭخەي شەھىرىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ شىنجاڭلىق مېھمانلارنىڭ ئىككى جايدىكى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاش ئۈچۈن شاڭخەيگە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.
يۈ جېڭشېڭ كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مەركەز بىزگە تاپشۇرغان ۋەزىپە، شۇنداقلا شاڭخەينىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. شىنجاڭغا ياردەمگە بارغان شاڭخەيلىك كادىرلار شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، يەرلىك كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىگە ئېرىشتى، بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدار. شىنجاڭغا ياردەمگە بارغان شاڭخەيلىك كادىرلار مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، يەرلىكتىكى كادىرلار، ئاممىدىن ئۆگىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشى كېرەك. بىز شاڭخەيدە ئوقۇۋاتقان، ياشاۋاتقان ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان شىنجاڭلىق ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىمىز. ئىككى جايدىكى خەلق قۇرۇلتايلىرى ئارىسىدا ھەمكارلىق، ئالاقىنى قانات يايدۇرۇش ئىنتايىن ياخشى ئىزدىنىش، بىز ئۆزئارا ئۆگىنىپ، چۈشىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىزمەت سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرىمىز.
ئەركىن ئىمىرباقى ئالدى بىلەن شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقى زور بولدى، شىنجاڭغا ياردەمگە بارغان شاڭخەيلىك كادىرلار ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلى بىلەن شىنجاڭغا زور ياردەم بەردى. بىز شاڭخەيدىن ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، شاڭخەي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز.
شاڭخەي شەھىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ليۇ يۈنگېڭ، ۋاڭ پېيشېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ گولياڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى
ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراقتىكى قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارلايد...
پاكىستان دۆلەت ئاتىسى جىننا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 135 يىللىقىنى خا...
كورىيەنىڭ لۈنشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا 90 ماشىنا زەنجى...
سۈرىيە خەلقى تىنىچلىق كېچىسىدە ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ھۇج...
ئوباما ئامېرىكا بىرىنچى خانىمىنىڭ ئېستىمال قىلىشىنى چەكلىد...
ياپونىيەنىڭ تېننوسى ئاكىخوتو 78 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىن...