12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ، ئەنگىلىيە داڭلىق تۈرلۈك ماللار شىركىتى سارفۇلىچ ( Selfridges ) لوندون شەھىرىنىڭ ئوكسفورد كوچىسىغا جايلاشقان داڭلىق دۇكان روژدېستۋو بايرىمىدا باھاسىنى چۈشۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن ، نۆۋەتتە لوندون مىترو ئىشچىلىرى ئىش تاشلاۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن يەنىلا خۇددىي دېڭىز تاشقىنىدەك نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تالىشىپ مال سېتىۋېلىشىنى توسالمىغان .
ئىشىك ئېچىلماي تۇرۇپلا نۇرغۇنلىغان ئادەملەر قاتارلىشىپ نۆۋەت ساقىلغان ، ئەنگىلىيىنىڭ ھازىرىقى ئىقتىسادىي ئاۋات ئەمەس ئىدى ، بۇ دۆلەت خېرىدارلىرىدىن قەدەم تەشىرىپ قىلىدىغانلار ئاز ، شۇنداق بولسىمۇ بۇ زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى دۇكانلىرى ئاز بولمىغان جۇڭگولۇق كىشىلەر بىلەن لىق تولدى .
چىرايلىق كىيىنگەن خېرىدارلار دۇكان سىرتىدا نۆۋەت ساقلاپ خالىغانچىلا ئولتۇردى.
سىرتتىن يۈگۈرۈپ كىرىۋاتقان خېرىدارلار سودا سارىيىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغان .
سودا ساراينىڭ ئىچى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان ئىدى .
قەرىز خەتىرىگە چۆكۈۋاتقان ياۋروپالىقلارنىڭ چىرايى ئېچىلمايتى ، ئۇلار ئەمدى پۇلنى چىڭ سىقىملاپ خەجلىمىسە بولمايتى ، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش چوڭ يەپ چوڭ خەجلەيدىغان كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەندى ، لېكىن بۇ بەزى جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن ھېچقانچە ئىش ئەمەستەك بىلىنەتتى .
لوندوندىكى داڭلىق تۈرلۈك ماللار سودا سارىيى جۇڭگولۇقلار بى...
ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراقتىكى قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارلايد...
پاكىستان دۆلەت ئاتىسى جىننا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 135 يىللىقىنى خا...
كورىيەنىڭ لۈنشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا 90 ماشىنا زەنجى...
سۈرىيە خەلقى تىنىچلىق كېچىسىدە ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ھۇج...