پىلاندا شىنجاڭنىڭ ‹‹12 – بەش يىل››دىكى مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ‹‹باھار يامغۇرى قۇرۇلۇشى›› ۋە 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى تايانچ قىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش؛ بەدىئىي ئىجادىيەتنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مول مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلەش؛ تەرجىمە خىزمىتى ۋە ئىلغار ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆچۈرۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش؛ ‹‹مەدەنىيەت ماركىسى›› پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت جەھەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش؛ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا ئىلغار، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش؛ مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى بىلەن مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ ماس قەدەملىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مەدەنىيەت بازىرىدا ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت بازارلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ مەدەنىيەت پەن – تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش؛ سىرت بىلەن مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، بىر پۈتۈن كۆپ مەنبەلىك جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش؛ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت 11 تۈرلۈك ئاساسلىق ۋەزىپىسى بېكىتىلدى.