كېلەر يىلى كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنى يۆلەش سىياسەت-تەدبىرلىرى يولغا قويۇلىدۇ
تۆتىنچى پەسىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىز سانائىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يەنىمۇ ئاستىلىدى، 10-ئايدا ٪13.3، 11-ئايدا ٪12.4 ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېكسپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق تۆۋەنلىدى، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشنى چەكلەيدىغان ئامىللار كۆپەيدى، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاپتوموبىل، تۇرالغۇ ئىستېمالى تۆۋەن سۈرئەتتە ئېشىشى مۇمكىن، كارخانا پايدىسىنىڭ ئېشىشى تۆۋەنلەشكە يۈزلەندى، بۇ مەبلەغ سېلىشنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى چەكلەپ قويىدۇ...مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئاستىدا، سانائەت ۋە ئۇچۇرچىلىق مىنىستىرلىقى كۆلەملىك سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ٪11 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، بىرلىك سانائەت قوشۇلما قىممىتىدىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە كاربون (Ⅳ) قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ٪5 ۋە ٪5تىن يۇقىرى نىسبەتتە تىزگىنلەش، بىرلىك سانائەت قوشۇلما قىممىتىدىكى سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى ٪7 تۆۋەنلىتىش، تېلېگرافچىلىق، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ كىرىمىنى ٪6 ۋە ٪28 ئەتراپىدا ئاشۇرۇشنى كېلەر يىللىق كۆزلەنمە نىشانى قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، سانائەت ۋە ئۇچۇرچىلىق مىنىستىرلىقى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق سەككىز ساھەنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەت-ئالاقىچىلىكنىڭ مۇقىم، تېزرەك تەرەققىياتىنى ساقلايدۇ. تونۇشتۇرۇلىشىچە، نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ كەڭ بەلباغلىق تورىنىڭ ئوتتۇرىچە تورغا چىقىش سۈرئىتى سېكونتىغا 100 كىلوبايت بولۇپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى سېكونتىغا 230 كىلوبايتلىق ئوتتۇرىچە تورغا چىقىش سۈرئىتىدىن بەكلا تۆۋەن.
سانائەت ۋە ئۇچۇرچىلىق مىنىستىرى مياۋ ۋېي مۇنداق دېدى: ئېلىمىز كەڭ بەلباغلىق تورىنىڭ سۈرئىتى دۇنيا بويىچە 71-ئورۇندا تۇرىدۇ، بىر قىسىم يېڭى مۇلازىمەت، يېڭى كەسىپلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىشى بىلەن، كەڭ تورچىلار تور سۈرئىتىدىن بارغانسېرى نارازى بولماقتا. شۇڭا سانائەت ۋە ئۇچۇرچىلىق مىنىستىرلىقى كېلەر يىلى كەڭ بەلباغلىق جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى نۇقتىلىق ۋەزىپە قىلىپ، ئاممىنىڭ تورغا چىقىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تورغا چىقىش ھەققىنىڭ تۆۋەنلىشىنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.
سانائەت ۋە ئۇچۇرچىلىق مىنىستىرلىقى دۆلەتنىڭ سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتىكى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 3G ۋە نۇر كەڭ بەلباغلىق تورىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ؛ سۈرئەتنى تېزلىتىش، ئومۇملىشىشنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، باھانى تۆۋەنلىتىشنى نىشان قىلغان ھالدا وترغا چىقىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدۇ؛ مۇلازىمەت مەبلىغى تەسىس قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، خەۋەرلىشىشنى ھەممە كەنتلەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە ئۇچۇرنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىدۇ.مياۋ ۋېي مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى، كەڭ بەلباغلىق تور ئىستراتېگىيەسىدە 2015-يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا،شەھەر ئائىلىرىدىكى كەڭ بەلباغلىق تورنىڭ سۈرئىتىنى سېكونتىغا 20 مىگابايتقا، يەنى بىرلا ۋاقىتتا يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى ئىككى كىنونى يوللىغىلى بولىدىغان سۈرئەتكە يەتكۈزۈش،، يېزا ئائىلىلىرىدىكى كەڭ بەلباغلىق تور سۈرئىتىنى سېكونتىغا 4 مىگابايتقا يەتكۈزۈش مەقسەت قىلىنىدۇ.