رۇسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 28-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، راكىتا ۋە تورپېدا سەپلەنگەن رۇسىيە ئاۋىياماتكا توپى كىلەركى ئايدا سۈرىيەگە قاراپ مېڭىپ، تارتۇس پورتىدا توختايدىكەن.
روسىيەنىڭ تارتۇس پورتىدىكى بازىسىغا 2012-يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ ‹دېڭىز ئارمىيەسى گېنېرال-پولكوۋنىكى كۇزنىتسوف› ناملىق ئاۋىياماتكا باشچىلىقىدىكى رۇسىيە فىلوتى توختايدىكەن. ھەربىي تەرەپنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ‹دېڭىز ئارمىيەسى گېنېرال-پولكوۋنىكى كۇزنىتسوف› ناملىق ئاۋىياماتكىنىڭ 12-ئاينىڭ بېشىدا باشلىماقچى بولغان سەپىرىنىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي سىياسىي ۋەزىيەت بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن. چۈنكى بۇ قېتىمقى دېڭىز سەپىرى بىر يىل بۇرۇنلا بېكىتىلگەن. لېكىن مۇتەخەسسىسلەر رۇسىيە فىلوتى سۈرىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار توقۇنۇشىنى تېزگىنلەيدىغان قورالغا ئايلىنىدۇ دەپ قارىدى.
ھەمبەھىرلىنىڭ