لىۋىيە بەنغازى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆگزىسىدە بازا تەشكىلاتىنىڭ بايرىقى كۆتۈرۈلدى

0 2011-11-03 11:18:28   جۇڭگو ئاخبارات تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىۋىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شەھەر بەنغازى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆگزىسىدە بىرلا ۋاقىتتا ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر بىلەن «بازا» تەشكىلاتىنىڭ بايرىقى كۆتۈرۈلگەن.
    بەنغازى شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئاشكارلىشىچە، چەكتىن ئاشقانلار يېرىم كېچىدە يېڭى SUV(ھەرىكەتچان كۆپ قوللىنىشچان ماشىنا) نى ھەيدەپ، «بازا» تەشكىلاتىنىڭ قارا رەڭلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگىنىچە،  بەنغازىنىڭ كوچىلىرىدا داۋراڭ سالغان، شۇنداقلا «ئىسلام! ئىسلام! شەرقمۇ ئەمەس، غەربمۇ ئەمەس» دەپ قاتتىق ۋارقىرىغان. ئۇنىڭ بۇ سۆزى بۇنىڭدىن بۇرۇن كىشىلەر لىۋىيە بەلكىم شەرقىي قىسىمدىكى كازافىيغا قارشى كۈچلەر بىلەن غەربىي قىسىمدىكى كازافىيغا چوقۇنغۇچىلار تەرىپىدىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشىسىگە قارىتا ئېيتىلغان.
   «بازا» تەشكىلاتىنىڭ بايرىقى بەنغازى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆگزىسىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ، بايراققا ئەرەبچە «پەرۋەردىگار مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت ئاللاھلا بار» دەپ يېزىلىپ، ئاستىغا بىر ئاي سىزىلغان.
   ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇخبىرى «بازا» تەشكىلاتىنىڭ بايرىقىنى رەسىمگە تارتىۋاتقاندا، سالار مىللىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان قاراۋۇلنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博