لىۋىيە «ئۆتكۈنچى كومېتىتى»نىڭ رەھبىرى جەلىل بىر قانچە كۈن بۇرۇن سۆزلىگەن نۇتۇقىدا لىۋىيەنىڭ بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى. «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 29-چېسلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ بىر قاتار گەپ-سۆزلەر لىۋىيە ئاياللىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. بىر قىسىم ئاياللار ئېرىدىن باشقىلار بىلەن ئورتاق ھۇزۇرلىنىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» بۇ ئىشقا باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن: بۇ خىل تۈزۈم لىۋىيە ئاياللىرىنىڭ ئورنىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، لىۋىيە ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى جاكارلانغان، تېخىمۇ گۈللەنگەن دۆلەت قۇرۇشقا چاقىرىق قىلىنغان ۋاقىتتا، جەلىلمۇ بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمنىڭ توسقۇنلۇقىنى كۆرۈپ يەتكەن ئوخشايدۇ. گەرچە كازافىي ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما سابىق ھۆكۈمەتتىن قېلىپ قالغان ئاساسىي قانۇن، قانۇن، جەمئىيەت مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار ھېلىھەم ئۆز رولىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمنىڭ ئېلان قىلىنىشى قارىماققا لىۋىيە ئاياللىرى ئورنىنىڭ چېكىنىشى بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بىر قىسىم ئاياللار جەلىل ئېلان قىلغان بۇ خىل تۈزۈمگە مۇناسىۋەتلىك گەپ-سۆزلەرنى «يېڭى بىر زۇلۇم»نىڭ بىشارىتى دەپ قارىغان.
ھەمبەھىرلىنىڭ