ئىككى يىل ئىلگىرى شىمپەنزىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش سەۋەبى بىلەن چىرايى بۇزۇلۇپ كەتكەن ئامىرىكىلىق ئايال ناش چىراي كۆچۈرۈش ئوپراتسىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كىيىن تۇنجى قىتىم تىلىۋىزىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› تورىنىڭ 27-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،بۇيىل 57ياشقا كىرگەن رىچارد ناش كوننىكتىكۇت شىتاتىنىڭ سىتامفورد دىگگن يىرىدىن بولۇپ،2009-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى دوستى ھەم خوجايىنى ساندرا خىرولدنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئۇنىڭ سىرتقا قىچىپ چىقىۋالغان ئەرمەك شىمپەنزىسىنى بويسۇندۇرۇشقا ياردەملىشىۋاتقان چاغدا بۇ شىمپەنزىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان،گەرچە .ئۇنىڭ جىنى ئامان قالغان بولسىمۇ بىراق ئۇ كۆرۈش ئىقتىدارى ھەم ئىككى قولىدىن مەھرۇم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا چىرايى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.بۇيىلنىڭ باشلىرى ئۇ چىراي كۆچۈرۈش ئوپراتسىسى قىلدۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن،تۇنجى قىتىم قەيسەرلىك بىلەن ئىكرانغا يۈزلىنىش قارارىغا كەلگەن.
27-ئۆكتەبىر ئەنگىلىيە 5-قانىلى ناشنى زىيارەت قىلغان پروگراممىنى تارقاتتى،ناش:‹‹ھازىر نۇرغۇنلىغان ئادەم مىنى چىرايلىق بوپ كىتىپسىز دەيدۇ،مەن ئىلگىرى بۇنداق گەپلەرنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان....مەن ھازىر باشقىلارنىڭ چىرايىمغا قاراپ قورقۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرمەيمەن.››دىدى.
قول كۆچۈرۈش ئوپراتسىسىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىغا قارىتا ناش ئازراق ئۈمۈتسىزلەنگەنلىكىنى ئىيتىپ،ئۆزىنىڭ ‹‹خۇشال كەيپىياتىمنى ساقالاپ قالساملا ھامان بىر كۈنى غەلبە قىلىمەن.››دەپ ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.مەلۇم بولىشىچە،ناشنىڭ قول كۆچۈرۈش ئوپراتسىسى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئۇنىڭ يەنە باشقا ئېغىر دەرىجىدە ئەگەشمە كىسەللىكى بارلىقى ئىنىقلاندى،دوختۇرنىڭ ئىيتىشچە ئۇنىڭ بۆرىكى زەئىپلىشىپ كەتكەن بولۇپ،ئۇنىڭ يەنە ئۆپكە ياللىغىمۇ بارئىكەن،ئۇنىڭ بۇ ئەزالىرىنى چوقۇم ئېلىۋىتىش كىرەك ئىكەن.
ناش مەيلى جىسمانىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى روھىي جەھەتتىن بولسۇن ئىغىر زەربىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ بىراق ئۇ يەنە ئامالنىڭ بارىچە نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تېرىشۋاتىدۇ.ئۇ:‹‹مەن ئەمدىلا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان چىغىمدا ، نىمىشقا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان مەن بولىمەن دەپ ئويلايىتتىم،بىراق راستىنى ئىيتقاندا،مىنىڭ بۇ ئۆرۈمدە ئۇڭۇشسىزلىقلار ناھايتى كۆپ بولغان بولسىمۇ لكىن مەن ئەزەلدىن ۋاز كىچىپ باقمىدىم.››
ناش بۇيىل 5-ئايدا بوستون شەھىرىنىڭ بىرىگھام ئاياللار دوختۇرخانىسىدا چىراي ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىسى قىلدۇردى،ئوپراتسىگە تاشقى كىسەللىكلەر دوختۇرى،سىستىرا،ناركوز دوختۇرى بولۇپ جەمئىي 30تىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.ناشنىڭ شەخسى مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن دوختۇرخانا تەرەپ ناشنىڭ ئپراتسىيە قىلغان كۈنىنى ئاشكارىلىمىدى.20سائەتتىن ئارتۇق ئوپراتسىيە جەريانىدا،دوختۇر ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇرۇن،كالپۇك،يۈتىرىسى،تىرە ئاستىنى تەشكىل قىلغۇچى موسكۇل ۋە نىرۋىلارنى كۆچۈردى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ناش باشقىلار تەقدىم قىلغان چىشنىمۇ كۆچۈردى.ناشنىڭ قوش كىزەك ئىنىسى مەك:‹‹مەن ئۇنىڭ ئوپراتسىيەدىن كىيىنكى ھالىتىنى كۆرۈپ ناھايتى ھەيران قالدىم،مانا بۇ ئىلىم-پەن دۇنياسىدىكى مۆجىزە.››
ئىلگىركى ئىككى يىل جەريانىدا.ناش .ىزچىل يۈزىنى چۈمپەردە بىلەن توسۇپ كەلگەن بولۇپ،ئۇ ئامىرىكىلىق داڭلىق رىياستچىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ھەقتە چۈشەندۈرۈپ:‹‹مەن يۈزۈمنى توسۇۋالسام باشقىلار مەندىن قورقۇپ كەتمەيدۇ،ئەگەر ئۇنى ئىلىۋەتسەم مەن باشقىلارنىڭ مەسخىرسى ھاقارىتىگە قالىمەن.››دىگەن.
ۋەقەدىن كىيىن ھادىسە تۇغدۇرغان شىمپەنزە ‹‹تراۋىس›› نى ساقچى تەرەپ ئېتىپ ئۆلتۈرۋەتكەن،خىلوردنىڭ چۈشەندۈرىشىچە،بۇ شىمپەنزە گەرچە ناشنى تونۇش بولسىمۇ ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ئۇ يېڭىلا چاچ پاسونىنى ئۆزگەرتكەن بولغاچقا بۇ ‹‹كونا››دوستىنى تۇنۇيالماي،ئىگىسىنى قوغداش ئۈچۈن ناشقا ھۇجۇم قىلغان دىدى.
بۇ ئىشتىن كىيىن ناشنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر خىلوردنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ ئۇنىڭدىن تۆلەم ھەققى ئۈچۈن 50مىليون ئامېرىكا دوللىرى سورىغان.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار ئۆزى تۇرۇشلۇق شتات ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ ئۇلاردىن150مىليون تۆلەم ھەققى ئىلىشنى ئويلىغان بولۇپ،بۇنىڭ سەۋەبى،مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بۇنداق پاجىئە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغان.شىتاتىڭ ئەدلىيەباشلىقى رىچارد بىلمۇنسال ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ بۇ ئەرزگە ئالاقىدار تەلەپلەرنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى،ئۆزىنىڭ بۇ ‹‹ ۋەھشىي تراگېدىيە››گە نىسبەتەن ئىنتايىن ئېچىنغانلىقى ھەم ھېسداشلىق قىلغانلىقىنى ئىيىتتى.تەييارلىق باسقۇچىدىكى بۇ ئەرزنىڭ تۆلەم ھەققى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ،بۇنداق ھەق ئەزەلدىن تەلەپ قىلىنىپ باقمىغان ئىدى.
ئوباما ئەر ئايال ئاق ساراينىڭ ئالدىدا ئامما بىلەن پەرىشتىلە...
شىنجاڭدا مەسچىتلەردە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش پائالىيەتلىرى ئ...
ھېندىستان 12 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۇرۇش ئايرۇپىلانى ...
سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى پادىشاھ ۋارىسلىقىغا...
ئاۋسترالىيە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ،ئەڭ ئېغىر تەڭگىنى ئۇيۇپ چىقت...