شىنجاڭدىكى 15 ۋىلايەت ئوبلاست شەھەرلەردىكى ھەر دەرىجىلىك ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش تارماقلىرى 10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ بىر ھەپتىلىك پۈتۈن ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە<<مەسچىتلەرگە تىنچلىق يەتكۈزۈش،ئوت ئاپىتى خەۋىپىنى تۈگىتىش>>پائالىيىتىنى باشلىدى.ئۇرۇمچى خانتەڭرى مەسچىتى،غۇلجا خۇيزۇ مەسچىتى ۋە قەشقەر ھېيتكاھ مەسچىتى قاتارلىق مەسچىتلار <<مەسچىتلەرگە تىنچلىق يەتكۈزۈش،ئوت ئاپىتى خەۋىپىنى تۈگىتىش>>پائالىيىتى داۋامىدىكى موھىم ۋەكىللىك ئورۇنلار بولدى.
25-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى «خانتەڭرى» جامئەسىدە ئوتتىن مۇداپىيەلىنىش مانىۋىرى ۋە ئوت مۇداپىيە تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مانىۋىرغا قاتنىشىپ، ئوتتىن مۇداپىيەلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى ھەم ئەتراپتىكى ئامما بىلەن بىللە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىدىن ئوتتىن مۇداپىيەلىنىش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرىنى ئىشلىتىشنى ئۆگەندى.
شىنجاڭ كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايۇن بولۇپ،پۈتۈن ئاپتۇنۇم رايۇن ئاھالىسىنىڭ 60 پىرسەنت ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ.مەسچىت پەقەت قۇرۇلۇش قۇرۇلما ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە خادىملار مەركەزلىك پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئورۇن.بولۇپمۇ ھەر جۇمە كۈنى نەچچە يۈز،نەچچە مىڭ مۇسۇلمان ئاھالىسى ھەر قايسى مەسچىتلەردە ناماز ئوقۇيدۇ.
شۇ كۈنى يەنە ھەر دەرىجىلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى بىرلا ۋاقىتتا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدىكى مەسچىتلەردە «ئامانلىقىنى قوغداپ، ئوت ئاپىتىنىڭ خەۋپىنى ئازايتىش» تېمىسىدا تۈرلۈك ئوت مۇداپىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدا 250 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت بار بولۇپ، مەسچىتلەردە ئوتتىن مۇداپىيەلىنىش، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكى، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى يەنە جامائەت خەۋپسىزلىكى، مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن 120 تەشۋىقات-تەربىيەلەش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، 1000 مەسچىتتە نۇقتىلىق تەشۋىقات-تەربىيەلەش پائالىيىتى ئويۇشتۇرغان. يەنە 1000 مەيدان ئوت ئاپىتى مەزگىلىدە تارقاقلاشتۇرۇش مانىۋىرى ئۆتكۈزۈپ، جەمئىي 1 مىليون ئادەم(قېتىم)نى تەربىيەلىگەن.