1. لاتىن گۈزىلى پېنلوپ كىروز
لاتىننىڭ بىرىنجى گۈزىلى بولغان بۇقىزتىپىك ئىسپانىيە قىزلىرىنىڭ ئەركىن، نۇقتا سالغىلى بولمايدىغان ياۋايى خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ساھىبجامال بۇلۇپ سىلىق پارقىراق چاچلىرىلا ئەمەس ، ئەرۋاھنىمۇ مەستخۇش قىلىدىغان سىرلىق كۆزلىرى ، تولغان ھىسياتلىق لەۋلىرى بىلەن قۇيۇق ئۆزگىچە بىر خۇسۇسىيەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.
2.گىرمان گۈزىلى ھىيدى كىلوم
1973-يىلى 6-ئاينىڭ 1- كۈنى تۇغۇلغان.بويىنىڭ ئىگىزلىكى 177 سانتا . ھىيدى كىلوم ئۆزگىچە گۈزەل ، يەنە كىلىپ ئۇنىڭدا تەكەببۇرانە گىرمانلارغا خاس خاراكتىر بار، ئىنتايىن سالاپەتلىك ۋە قاملاشقان بۇلۇپ ساغلام بەدەن كۈچ ۋە قامەتكە ئىگە بۇلۇپ بۇ ئۇنى گۈزەللىكنىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە يەتكۈزگەن . ئۇ يەنە دۇنياغا داڭلىق سۇ ئۈزۈش كىيىملىرى مودىلى بۇلۇپ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئاياللارنىڭ بىرى دەپ ئاتالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئەڭ مۇكەممەل گەۋدىگە ئىگە دەپمۇ نام بېرىلگەن.
3.ئەنگىلىيەنىڭ بىرىنجى گۈزىلى ئېلزابىت خارلى .
ئەنگىلىيەنىڭ بىرىنجى گۈزىلى بولغان ئېلزابىت ھوللىۋودتىكى نۇرغۇن ئايال چولپانلار ئىچىدە گۈزەللىكى ۋە ھىسياتقانلىقنىڭ سىموۋلى دىگەن ئۇنىڭغا خاس نام بۇلۇپ قالغان . ئۇ خۇددى شەيتاندىن ئۆزگەرگەندەك ئىزىقتۇرۇش ۋە رەزىللىقنىڭ مۇجەسسىمى. كۈم كۈتىسىز نەپىس يۈزى ئىسىلزادىلەرچە خاراكتىرى ، گۈزەل چىرايى ئارقىسىغا دانالىقى ، شاللاقلىقى ۋە يەنە ئازپاز يۈزسىزلىكتەك خۇسۇسىيەتلەر چوڭقۇر يۇشۇرۇنغان .
4.سىنگاپورنىڭ بىرىنجى گۈزىلى فەنۋېنفاڭ
بويىنىڭ ئىگىزلىكى 171 ، ئېغىرلىقى 50 كىلوگرام . كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىگە چۈشكەندىن بۇيان فەنۋېنفاڭ ئۆزىنىڭ كىشىلەر بىلمەيدىغان يەنە بىر تەرىپىنى ئاشكارلىدى . مودا ، ئوچۇق يورۇق خاراكتىرى . تەبىئىي ئەستايىدىل رول ئىلىش خاراكتىرى ، پاك ، سەمىمى لىرىك ناخشا ئاۋازى نۇرغۇنلىغان كىنو ھەۋەسكارلىرى ۋە ناخشا ھەۋەسكارلىرىنى ئۆزىگە قاراتتى.
5.بىرازىلىيەنىڭ بىرىنجى گۈزىلى ئالىكساندىرا ئامبىروسىيو .
كۆزىنىڭ رەڭگى كۈلرەڭ . بوي ئىگىزلىكى178 سانتا .ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆزلىرى شۇنچىلىك ئىللىق ۋە كۈلۈپ تۇرىدۇ ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇنىڭ سانسىز چۇقۇنغۇچىلىرى بار.ئۇ گۈزەللىكنىڭ ۋە ساغلاملىقنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى مودىلى بۇلۇشقا مۇناسىپ . ئۇ دەل ‹‹ ۋىكتورىيەنىڭ سىرى››گە پاك مەنا ئاتا قىلغان ئادەتتىن تاشقىرى مودىل- ئالىكساندىرا ئامبىروسىيو !
6.جوڭگونىڭ بىرىنجى گۈزىلى جاڭ زىلىن .
بوي ئىگىزلىكى 182 سانتا ، ئېغىرلىقى 58 كىلوگرام. 57- نۆۋەتلىك دۇنيا گۈزىلى ئاخىرقى تاللاش مۇسابىقىسىدىكى ھەر دۆلەت ساھىبجاماللىرى ئوتتۇرسىدىكى كۈچلۈك رىقابەتتە ئاخىرى جاڭ زىلىن ئۈستۈنلۈكنى ئالغان. بۇ جۇڭگونىڭ خەلقارا دەرىجىلىك گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىدە تۇنجى قىتىم چىمپىيونلۇقنى تارتىۋېلىشى. بۇندىن بۇرۇن 2006-يىللىق جۇڭگو 10 چوڭ مودىل ، ‹‹ مودا cosmo››.‹‹ گۈزەللەر›› قاتارلىق داڭلىق ژورناللاردا دائىم ئۇنىڭ سىماسىنى ئۇچرىتىپ تۇرغىلى بولاتتى .
7.ياپونىيە گۈزىلى لاۋيۈەنيوۋلى .
ئىگىزلىكى 168 سانتا داڭلىق مودىللارنىڭ كۆرىشى ئىچىدىكى لاۋيۈەنيوۋلى خاماساكىنىڭ قەدىمىنى باسقان بۇلۇپ پەقەتلا يىڭى دەۋىر ئىقىمىنىڭلا ئاساسچىسى ئەمەس ئىدى.
ئۇ ياپونىيە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قەلبىدىكى يىڭى دەۋرنىڭ مودا ئايال شاھى. ئۇ ھەم ياپونىيە ئاخپارات ئىدارىسى تەرىپىدىن ياپونىيەدىكى بىرىنجى گۈزەل دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇ ئەسلىدە بىر ژورنالنىڭ ۋەكىللىك مودىلى ئىدى. ھەر قىتىم ئۇ باش بەتكە چىقسىلا سىتىلىش مىقدارى ئىشىپ كىتەتتى. ھەتتا سىتىلىش مىقدارى 700مىڭ بۇلۇشتەك قىممەتنى ياراتقان . بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن بۇ قىزغا ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ‹ كىچىك راك › دەپ نام قويۇپ قويغان . يەنە ئۇنى ياپونىيە مەينانا مايدا پۇشۇرغان راكلىق ساندىۋېچىنىڭ ۋەكىلى قىلىپ قويغان. شۇ مەھسۇلاتنىڭ قىزغىن سىتىلىشى بىلەن مەيدانا % 6.3 تىن ئارتۇق پايدا تاپقان .
8. 2006- يىللىق كورىيە گۈزىلى 2007- يىللىق دۇنيا گۈزىلى لىخېنې يىقىندا دۇنيادىكى بىرىنجى گۈزەل دەپ تەرىپلەندى
يىشى 22 ياش .بويى 175 سانتا ، ئېغىرلىقى 50 كىلوگرام .
بىرازىلىيە گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقە تورىدا بەش چوڭ خەلقارالىق گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىدىكى 100 ئادەمنى تاللاپ چىققان . ئارىسىدىكى لىخېنې 2007- يىللىق دۇنيا گۈزەللىك خانىشى بۇلۇپ باھالانغان. 15 دۆلەتتىن كەلگەن 15 نەپەر باھالىغۇچىنىڭ ئىچىدە تۆت نەپىرى لىخېنىنىڭ بىرىنجىلىككە تۆت نەپىرى ئىككىنچىلىككە كۆرسەتكەن. ئاسىيالىقلار تۇنجى قىتىم مۇشۇ شەرەپكە ئىگە بولغان. لىخېنى 10- نەپەر بۇ خىل شەرەپكە مۇيەسسەر بولغان قىز ھىسابلىنىدۇ .
9. روسىيەنىڭ ھىسياتچان تەنھەركەت ماھىرى گۈزىلى كابايېۋا
1998-يىلى بۇ قىز ئىقتىدارى بىلەن رەسمى باش كۆتىرىپ چىققان قىز ھىسابلىنىدۇ.ئۇ باشتا ياۋروپا قىتئەسى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنى چىمپىيونلىقىنى ئالدى . ئۇنىڭدىن كىيىنلا دوستانە تەنھەركەت يىغىلىشىدا بارلىق رەقىبلىرىنى يىڭىپ بەش ئالتۇن مىدالنىڭ تۆتىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇنىڭ ھەركىتىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە كۆپچىلىككە قاراپ يىقىملىق كۈلۈمسىرىشىمۇ بارچە ئىقلىمنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلدى.
كابايېۋانىڭ گۈزەلىكى ھەرگىزمۇ مۇسابىقە مەيدانىدا ئەمەس،ئۇنىڭ تۇرمۇشى ۋە كەسپىمۇ يورۇقلۇققا تولغان بىر بەخىتلىك قىز . ياشلىق ، گۈزەللىك ، ئەقىل ، ئالتۇن مىدال ، ۋە مۇھەببەت .... ئۇ تىخى كىچىك تۇرۇپلا ھەممىگە ئېرىشتى. كابايېۋا روسىيە ئاخبارتلىقى تەرىپىدىن بىرىنجى گۈزەل دەپ باھالىنىشتا كورنىكىۋادىن ئىشىپ روسىيەدىكى بىرىنجى دەرىجىلىك ھىسياتچان تەنھەركەتچى بۇلۇپ باھالانغان.كابايېۋانىڭ بىلەت سانى %29 بۇلۇپ كوۋادىن %6 يۇقۇرى ئىدى. يەنە ‹مۇزچىراي گۈزەل › دەپ نام ئالغان روسىيە ساغلاملىق گىمناستىكىچىسى شېرجىنادىن%24 ئارتۇق بولغان.
ئۇ يەنە غەلبىلىك ھالدا روسىيە پارلامىنت ئەزاسى بۇلۇپ باھالانغاندىن كىيىن خىزمىتىدىن چىكىنگەن. دۇنيا تەنتەربىيە سەھنىسى بۇ تەنتەربىيەچى تۈلكە قىز›نى ئەسلەپ تۇرىدۇ.
10.ئاۋستىرالىيە گۈزىلى سارا جىيەن
سارا جىيەن دىگەن بۇ ئىسىم جوڭگودىكى تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرى . ۋە تورداشلارغا نىسبەتەن بەلكىم ناتۇنۇش بولىشى مۇمكىن. بىراق ئاۋستىرالىيەدە بۇ ئىسىم كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدىغان، كىشىنى مەست قىلىدىغان،كىشىنى جانلاندۇرىۋېتىدىغان بىر ئىسىم. سارا جىن دىگەن كىمۇ ؟
ئۇ بولسىمۇ ئاۋستىرالىيە تەنتەربىيەچىلىقىدىكى ئەڭ ھىسياتچان ، ئەڭ داڭلىق ئايال. ئىنىقىنى ئېيتقاندا ئۇ F1مىنار ماشىنا ئەترىتىنىڭ گۆھىرى .
موربىندا تۇغۇلغان سارا ئىتالىيە قان تىپىدىن بۇلۇپ ، ئالتۇن چاچلىق بۇ گۈزەل ھەم قاملاشقان بەدەن قۇرۇلۇشقا ئىگە .ئۇنىڭ گۈزەللىكى ھەر يىلى ئاۋىستىرالىيەدە بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ . ئۇنىڭ كەسپى ئىشلىرى ھەمدە پەقەتلا ماشىنا ئەترىتىدىلا چەكلىنىپ قالمىغان. ئاۋستىرالىيەدە كىشىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەنھەركەت، يەنى ياۋروپاچە زەيتۇن توپ مۇسابىقىسىنىڭ يىقىنقى يىللاردىكى ھەربىر ھالقىلىق مۇسابىقىلىرىدە كىشىلەر دائىم سارا جىيەننىڭ سىماسىنى كۆرۈپ تۇرالايدۇ . ئۇنىڭ كىلىشى موربىن پالاق توپ مەيدانىنى يۇقۇرى قىزغىنلىقنىڭ قايناش نۇقتىسىغا ئىلىپ چىقىۋېتەلەيدۇ .
11. ھىندىستان بىرىنجى گۈزىلى ئايشۋارىيا
1973-يىلى 11-ئاينىڭ 1- تۇغۇلغان بويى 170 سانتا. خىزمىتى ئاكتىيور.
ھىندىستاندا ئايشۋارىيا كۆپچىلىككە نىسبەتەن بەش قولدەك تۇنۇش.1994-يىلى ئۇ ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹دۇنيا گۈزىلى › تاللاش مۇسابىقىسىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئالغاندىنياقى سەھنە ھاياتىنى باشلىغان . نۇرغۇن قىتىم ئورۇنلاش مۇكاپاتىنى ئالغان . يەنە 2003- يىللىق ‹ شانا كىنو بايرىمى › نىڭ باھالىغۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان. يەنە ھىندىستان تارىخىدىكى بىرىنجى خەلقارا دەرىجىلىك باھالىغۇچى بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ.ئەنگىلىيەدىكى ‹ياخشىمۇ سىز › ژورلىنى ئۇنى ‹ دۇنيادىكى ئەڭ جەلىبكار ئايال › دەپ تەرىپلىگەن . ‹ شەخىس› ژورنىلى تەرىپىدىن ‹ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 100ئايال› قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن .
12. فىرانسىيە ئاخباراتلىقى تەرىپىدىن ‹ پەرىشتىگە تەڭداش مۇكەممەل بەش ئەزاغا ئىگە› دەپ تەرىپلەنگەن گۈزەل قىز ئەلىزى
بوي ئىگىزلىكى 161 سانتا . ئېغىرلىقى 45 كىلو .‹ لائىزلا بونىتا › دىگەن ناخشا بىلەن نام چىقىرىپ كەتكەن بۇ قىز 15 يىشىدىلا فىرانسىيەدە مىليون سىتىلىش قىممىتىنى ياراتقان . فىرانسىيە ئاخباراتلىقى تەرىپىدىن ‹ پەرىشتىگە تەڭداش مۇكەممەل بەش ئەزاغا ئىگە› دەپ تەرىپلەنگەن گۈزەل قىز ئەلىزى Vanessa Paradisدىن كىيىن ئىككىنجى ئەۋلات ئەنگىلىيەدىكى 10 قىززىق ناخشىچى قاتارىغا كىرگەن ناخشىچى .تۇنجى قىتىم تارقاتقان پىلاستىنىكىسىلا 8 چوڭ دۆلەتتە ( فىرانسىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە،گىرمانىيە،روسىيە،ئىسرائىلىيە، گوللاندىيە، پولشا) سىتىلىش مىقدارى چىمپىيونلۇقنىڭ ئالتۇن تەخىتىگە ئۆتكەن . 1984-يىلى 8-ئاينىڭ 21- كۈنى تۇغۇلغان ئەلىزى فىرانسىيەدىكى سوفى ماركىيودىن كىيىنكى قورامىغا يەتمەيلا داڭ چىقىرىپ كەتكەن گىگانىت چولپانلارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ .