بۇ بالا ئىئوردانىيە پايتەختى ئاممانلىق بولۇپ، ئۇ تۇغۇلۇشىدىنلا مۇشۇنداق تۇغۇلۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئىككى بىلىكى يوق بولغاچقا، نۇرغۇن كشىلەر ئۇنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن قاتتىق ئەنسىرەشكەن.
ئەمما ئۇ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، پۇتى ئارقىلىق كۈندىلىك پائالىيەتلەرنى قىلالايدىغان بولغان. مەسىلەن، تاماق يېيىش،كومپيۇتېردا ئويۇن ئويناش، مۇز چوكا يېيىش قاتارلىقلارنى ئۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ قىلالايدىكەن. دوختۇرلارنىڭ قارىشىچە، ئادەتتە بۇ خىلدىكى بالىلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى تولىمۇ كىچىك بولىدىكەن.