2012-يىل1-ئاينىڭ16-كۈنى،ياپونىيە باش ۋەزىرى Yoshihiko Noda دېموكراتىك پارتىيىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى.بۇ قېتىملىق يىغىن Yoshihiko Noda نىڭ ئىچكى كابېنتنى قايتا تەشكىللىگەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈشى بولۇپ،مەقسىتى باج ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھات پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈش .ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى شۇكى، Yoshihiko Noda شۇ كۈنى يىغىنغا قاتناشقاندا،كۆزىنى داكا بىلەن تېڭىۋالغان بولۇپ ،بۇ ئەھۋال پۈتۈن مۇخبىرلارنى ھەيران قالدۇرغان.ئەسلىدە ،ئۇ يېرىم كېچىدە ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ ،كۆزىنى يارىلاندۇرىۋېلىپ ،شۇنداق بولۇپ قالغان.