نىجات ئىراننىڭ ئاخىرقى پرېزىدېنتنى بولۇپ قالامدۇ

0 2011-11-01 11:52:08   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

       ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى ھامەينىي 23-ئۆكتەبىر ئىرانىڭ پرېزىدېنتلىق تۈزۈمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش ئېھتىماللىقىدىن بىشارەت بەردى.بۇنى  قارىتا چەتئەللىكلەر پېرېزدنت نىجادقا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش دەپ قارىدى.ياپۇنىيە ئاخبارات ۋاستىسى بولغان<<دېپلۇمات>>بۇنىڭغا قارىتا  ماقالە يېزىپ،ھامەينى بىلەن نىجاد ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش بىلەن ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى تەقرىز قىلدى.ماقالىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
    23-ئۆكتەبىر،ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى ھامەينىي كىرمەنشاما ئۆلكىسىدە سۆزلىگەن بىر نوتىكىدا مۇنۇلارنى ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتتى:كەلگۈسىدە پرېزىدېنتلىق تۈزۈمنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ پارلامىنتلىق تۈزۈمگە ئۆزگەرتىلىشى ناھايتى ئېھتىماللىققا يېقىن.
    ھامەينىي بىلەن نىجاد سىياسىي ئىدىيە جەھەتتە نىسپەتەن چوڭ ئىختىلاپ ساقلانماقتا،يەنە كېلىپ ھامەينى بۇ مەسىلىگە شۇنىڭ ئۈچۈن ئەھمىيەت بېرىدۇ،ھەتتا تەھتىت سېلىپ پرېزىدېنتلىق تۈزۈمنى بېكار قىلماقچى بولدى.گەرچە بۇ پەقەت بىر تەھدىت بولسىمۇ ئەمما نىجادنىڭ يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىشىنى پەيدا قىلىشى كېرەك.
    2013-يىلى 6-ئايدا نىجادنىڭ 2-قارارلىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشىپ قايتا پرېزىدېنت بولۇش سالاھىيىتى بولمايدۇ،ئېراننىڭ قانۇنىدا پرېزىدېنتنىڭ ئەڭ كۆپ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى يىل بولىدۇ دەپ چەك قويۇلغان.ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىش ئۈچۈن نىجاد ھازىر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنى قوللايدىغان سىردىشى ماشانىڭ كېلەر نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىقنى تالىشىشىنى قوللىماقتا.نىجاد ماشانىڭ پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ داۋاملىق ئىچكى كابىنىتتا موھىم ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىنى ئۈمىد قىلماقتا،تۆت يىلدىن كىيىن ماشانىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقاندا ئۆزى قايتا پېرېزدىنتلىقنى تالاشماقچى،خۇددى روسىيە پېرېزدىنتى پۇتىن ۋە مېدۋىدىۋقا ئوخشاش،بۇ دەل ھامەينىينىڭ ئەندىشىسى ھېسابلىنىدۇ.
    ماشا بىر رىقابەتلىك شەخىس.نۇرغۇن كونسىرۋاتىپنىڭ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىلا ئۇنى ئانچە كۆزگە ئىلىپ كەتمەيدۇ.مەسلەن بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ماشىيا ئىلگىرى ئىرانغا قارشى خەلق غازاتچىلارنىڭ تەشكىلاتىنىڭ سابىق ئەزاسىنى ئەمىرىگە ئالغان،ئۇنىڭ ئىنىسىمۇ مۇشۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى،ئەڭ يامان يېرى شۇكى ئۇ ئىلگىرى ئاشكارا ھالدا<<ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرسىدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت يوق>>-دېگەن.ماشا ئەسلىدىلا ئىراننىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى نامسىز پېچكا ئىدى،لېكىن ئۇ قىزىنى نىجادنىڭ ئوغىلىغا بەرگەندىن كېيىن نىجاد بىلەن قۇدا بولۇپ،سىياسىي ھاياتىدا ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۇرۇپ،نىجانىڭ موھىم سىردىشىغا ئايلاندى.
    شۇنداق بولسىمۇ شاشا ئىران سىياسىي سەھنىسىدە ئۈزلۈكسىز زەربىلەرگە ئۈچراپ كەلدى.نىجادنىڭ ئىنىسى داۋۇد ۋە كۈيئوغۇلى ماشانى ئاشكارا ئەيىپلىگەن.بەزى تاراتقۇلاردا داۋۇدنىڭ ئىچكى كابىنتتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى دەل ماشانىڭ سۇيقەستى دېيىلگەن.
    شۇنىڭ ئۈچۈن بىر نوقتتا ناھايتى ئېنىقكى ئەگەر ماشا ئىراننىڭ پرېزىدېنتلىقىغا تەيىنلەنسە ئىران سىياسىي سەھنىسىدە ئېغىر ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلار ھەتتا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىشى مۇمكىن.بۇ دەل ھامەينىينىڭ ئويلىغان ساقلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇشى مۇمكىن.
    شۇنى كۆرۇۋېلىشقا بولىدۇكى.ھامەينىي ئېيتقان پرېزىدېنتلىق تۈزۈمنى بېكار قىلىش ئويى چوقۇم نىجادقا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش.ئەگەر ھامەينىي نىجادنىڭ شەخسى سىياسىي مەسىلىسى تۈپەيلى پۈتكۈل ئىران سىياسىي سەھنىسىدە داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ دەپ قارىغان بولسا ئۇنداقتا ھامەينىي ئىككىلەنمەستىنلا پرېزىدېنتلىق تۈزۈمنى بېكار قىلغان بولاتتى.
ھامەينى 1989-يىلىدىن تارتىپ ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىگە تەيىنلەنگەندىن باشلاپ،ئالدىنقى ئىككى قارارلىق پرېزىدېنتلار بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتمىدى.نىجاد 2005-يىلى ئىراننىڭ پرېزىدېنتلىقىغا تەيىنلەندى،ئۇ ھامەينىيغا خۇددى ئەسكەر باشلىققا ئىتائەت قىلغاندەك ئىتائەت قىلدى.ئەمما ئىككىنچى قاراردا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن تەدىرىجى بويۇنتاۋلىق قىلىشقا باشلىدى.
    ئۆزىنىڭ ھوقۇق كۈچى ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھامەينىي ھەر قانداق پرېزىدېنت بىلەن ھەمكارلاشماسلىقىنى قارار قىلغان بولۇشى مۇمكىن،ئۇ ھەممىگە چىداپ كەلدى.1981-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا ھامەينىي پرېزىدېنتلىق ۋەزپىسىنى ئۆتىگەن چاغدىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەت مېنىستىرى بىلەن ئەپ ئۆتەلمىگەن ئىدى،مېنىستىر  شۇ سەۋەپتىن بىر نەچچە قېتىم مېنىستىرنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگۈزگەن.پېرېزدىنت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ قىلالايدىغان ئىشلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى.ئۇ ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىگە ئايلانغاندىن كېيىن ئاساسى قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ،مېنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.ھازىر ئۇنىڭ يەنىلا پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھوقۇقى بار.
    ھامەينىي ئۆزىنىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتۇشىنى ئويلىشىۋاتىدۇ،ئەگەر ئۇ پرېزىدېنتلىق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرسا كېلەر نۆۋەتلىك ئەڭ ئالىي رەھبەرنىڭ سايلىنىپ چىقىشىغا موھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.چۈنكى نىسپەتەن ئاجىز كۈچكە ئىگە ۋەزىپە ئۆتىگۈچى پرېزىدېنتنى كونترول قىلالماسلىقى مۇمكىن.بۇ رەھبەرلىك ھوقۇقىنىڭ بۆلىنىشى ۋە ئىختىلاپنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇلغا نىسپەتەن پرېزىدېنتلىق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى يامان ئەمەس ئۇسۇل دېيىشكە بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博