موسكۋادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىراننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھەممەد مەھدى ئاخۇنزاد بۈگۈن رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە: كاسپى دېڭىزى ئەھدىنامىسىنىڭ لايىھەسى 2012-يىلى پۈتۈشى مۈمكىن. شۇ ۋاقىتتا، ھەرقايسى تەرەپلەر كاسپى دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇق چەكلىمىسىنى بېكىتىش مەسىلىسى توغرىسىدا يەنىمۇ كېڭىشىدۇ، دېدى.
مۇھەممەد مەھدى ئاخۇنزاد: كاسپى دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەرگە چېتىشلىق نۇرغۇن مەسىلىلەردە، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىران بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى 1921-يىلى ۋە 1940-يىلى ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە ۋە ئادىل بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. كاسپى دېڭىزى مەزكۇر رايوندىكى كاسپى دېڭىزى بويىدىكى بارلىق دۆلەتلەرگە تەۋە، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، دېدى.
بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئىران، رۇسىيە، قازاقىستان، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە قاتارلىق بەش دۆلەت باكۇدا كاسپى دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەر باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تۇنجى قېتىم كاسپى دېڭىزىدىكى بايلىقلارنى ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە كاسپى دېڭىزىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا كېڭەشكەن ھەم كاسپى دېڭىزىدىكى بېلىقچىلىق، ئەتكەسچىلىك ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىرلەشكەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ