[رۇسىيە «سەھەر گېزىتى» خەۋىرى] فىرانسىيە ئىرانغا تەھدىت سېلىپ: ئەگەر ئىران يادرو پىلانىدىن ۋاز كەچمىسە، ھەربىي زەربىگە ئۇچرىشى مۇمكىن، دېدى. لېكىن پارىژمۇ ئىراننى بومباردىمان قىلسا پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ داۋالغۇشقا پېتىپ قالىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بۇندىن ئىلگىرىكى لىۋىيە توقۇنۇشىغا ئارىلاشقان دۆلەتلەر ئارىسىدا فىرانسىيەنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ئاكتىپ بولغان.
فىرانسىيەنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى گېرارد ئارروۋ: بەزى دۆلەتلەرنىڭ تېھراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىغا يول قويمايدۇ، دېدى. ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ: ئەگەر ئىران يادرو تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرسا، يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەربىي زەربىگە ئۇچراش ئېھتىمالى روشەن ئاشىدۇ، دېدى. لېكىن، ئارروۋ يەنە ئېتىراپ قىلىپ: ئىراننى بومباردىمان قىلىش مۈشكۈل ۋەزىپە، پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىغا قارىتا بۇ «ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت» كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دېدى.
ئىلگىرى فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزىمۇ مۇشۇنداق پوزىتسىيەدە بولغان. ئۇ ئىلگىرى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدا: ئىراننىڭ ھەربىي ئىشلار، يادرو قوراللىرى ۋە زەمبىرەك ئوقىسىمان ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قارا نىيىتىدىن كەلگەن تەھدىت داۋاملىق ئېشىۋاتىدۇ. مەملىكەت ئىچىدىكى بىر قىسىم ئەسلىھەلەر فىرانسىيە ھەرگىز كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئېغىر كىرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا بۇ ئەسلىھەلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىشى مۇمكىن، دېدى.
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەمۇ نۇرغۇن قېتىم تەدبىر قوللىنىپ، ئىراننىڭ يادرو قورالى تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىشىنى چەكلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. لېكىن، ئىلگىرى ھېچقانداق ھۆكۈمەت تەرەپ ئەربابى ئىرانغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويمىغان.
80 ياشقا كىرگەن شىۋىتسىيىلىك شائىر نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى...
ئامېرىكىدا بىر يۈك پويىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىپ پارتلاپ كەتت...
خەۋپسىزلىك كېڭىشى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى توغرىس...
پاكىستانلىق دوختۇر بىن لادېننىڭ DNAسىنى ئامېرىكىغا تەمىنلىگ...
ئەنگىلىيەلىك باتۇر ئايال پويىزنى توسۇپ قاتناش ۋەقەسىنىڭ ئا...
ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 79 يىللىقى...
شاڭخەي :سېھرىگەرلىك ماھىرلىرىنىڭ 120 سائەت قۇم ساندۇقىدا تۇر...