ئىدارە باشلىقىنىڭ شوپۇرى ئىشخانىسىدا زەھەر ياساپ قولغا ئېلىندى

655 2011-11-01 11:23:01   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     26-ئۆكتەبىر،جاڭجىياجىې شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ يۇڭدىڭ شۆبە ئىدارىسى زەھەر چەكلەش ئەترىتى بىر قېتىملىق زەھەر ياساش دېلۇسىنى رازۋىتكا قىلىپ پاش قىلغان.زەھەر ياسىغان نەق مەيدان جاڭجىياجىې شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىناسىنىڭ 5-قەۋەتتىكى بىر ئىشخانا بولۇپ،جىنايەت گۇماندارى شەھەر-قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىشتاتلىق خىزمەتچىسى بولۇپ،نۆۋەتتە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان.
    26-ئۆكتەبىر ساقچىلار جاڭ جىياجىې شەھەرلىك شەھەر-قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشخانىسىدا زەھەر ياساش دېلۇسىدا نەق مەيداندا 3 كىلوگرام زەھەرنى قولغا چۈشۈردى.بۇنىڭ ئىچىدە تەييار بۇيۇم 32 گرام،كوففېئىن 1000 گرام،
زەھەر ياساش مۇئەتتىرى(پۇراق خۇرۇچى)،بوياق ماددىسى 1200 گرام،زەھەر ياساش قۇرالى 40 دانە.
    توردا جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئۇچۇرى ئاشكارلانغان بولۇپ،جىنايەت گۇماندارى ۋاڭ سۇڭجۇن،ئەر،31 ياش،جاڭجىياجىې شەھەرلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى، رەھبەرنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەيدۇ.2010-يىلى 3-ئايدىن بۇيان جىنايەت گۇماندارى ئىزچىل تۈردە ئىشخانىسىدا زەھەر ياساپ،بۇنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزى ئىستېمال قىلغاندىن باشقا يەنە بىر قىسمىنى باشقىلارغا سېتىپ بەرگەن.
   جاڭجىياجىې شەھەرلىك شەھەر-قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىم نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ جىنايەت گۇماندارىنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى دەلىللىدى.ئىگىلىنىشچە ۋاڭ سۇڭجۇن 2001-يىلى يىل ئاخىرىدىن تارتىپ شەھەر-قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىغا كىرگەن بولۇپ،مەزكۈر ئىدارىنىڭ ئىشتاتلىق خىزمەتچىسى ئىكەن.يەنى ئىدارە باشلىقىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كەلگەن.ئالاقىدار خادىمنىڭ ئاشكارلىشىچە بۇلتۇر 4-ئايدا ئىدارە باشلىقى ئالماشقاندىن كېيىن ئۇنى خىزمەتچىلىرى كەمدىن-كەم ئۈچراتقان.ئىدارىدىكىلەر ئۇنىڭ زەھەر چېكىدىغانلىقىدىن گۇمانلانغان،چۈنكى باشقىلار ئۇنىڭ ھەمىشە خامۇش يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博