بۈگۈندىن باشلاپ ئۈرۈمچىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا «قارا تاكسى»نى تۇتۇۋالسا، بىردەك 30 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ

105 2012-01-18 12:16:33   65933.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

         بۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى رايونلار «تەۋەلىكى بويىچە باشقۇرۇش، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە، «قارا تاكسى»لارغا زەربە بېرىشتىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  ھەر قايسى رايونلار جامائەت خەۋپسىزلىكى، شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ چىققان قانۇنسىز كىرا قىلغان ئاپتوموبىل ۋە ئادەملەرنىڭ «قارا تىزىملىك»ىنى تۇرغۇزىدۇ، «قارا تىزىملىك»كە كىرگەن ئوبيېكت ۋە نۇقتىلىق رايون، يول بۆلەكلىرىنى ۋىۋىسكا ئېسىپ نۇقتىلىق نازارەت قىلىدۇ. تەكشۈرۈشتە تۇتۇۋېلىنغان تاكسىلارغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 30 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر قاتنىشى ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، 10-يانۋاردىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى قانۇنسىز كىرا ئاپتوموبىللىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەسىس قىلغان، شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لى خۇڭبىن گۇرۇپپا باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ھەر قايسى رايونلارنىڭ باشلىقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش، شەھەر باشقۇرۇش قاتارلىق فۇنكىسىيەلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى گۇرۇپپىنىڭ ئەزاسى بولغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博