ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى ئۆرۈلۈپ كەتتى

43 2012-01-18 12:15:49   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
     14-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن سائەت11:00لاردا ئۈرۈمچى-سانجى تېز سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شياۋدىئوپۇ كۆۋرۈكىگە800مىتىرچە كېلىدىغان بىر جايدا بىر ماي ئاپتوموبىلى بىلەن بىر يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن.ماي ئاپتوموبىلدىن ئېقىپ كەتكەن ماينى سۇيۇقلاندۇرۇش ئۈچۈن چاچقان سۇ توڭلاپ مۇز تۇتۇپ كەتكەنلىكتىن ،بۇ يول بۆلىكىدە تاق يۆنىلىشلىك قاتناش ئۈچ سائەت توسۇلۇپ قالغان.

      14-يانۋارسائەت15:00تە قار ئېرىتكۈچ چېچىلغاندىن كېيىن ،يولدا تۇرۇپ قالغان قىسمەن ئاپتوموبىللارنىڭ قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا قاتناشقا باشلىغان .سائەت 15:30 دا بۇ يول بۆلىكىدە قاتناش ئوموميۈزلۈك ئەسلىگە كەلگەن .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博