ئانىسى ئاغرىپ قالغانلىقتىن، ھىلارى خەلقئارالىق يىغىنغا قاتنىشىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

0 2011-11-03 11:10:07   جۇڭگو ئاخبارات تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     

     تەيۋەن «جۇڭگۇاڭ ئاخبارات تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامىرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى ئانىسى ئاغرىپ قالغانلىقتىن، ئەسلىدىكى ياۋروپاغا بېرىپ خەلقئارالىق يىغىنغا قاتنىشىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.
 ھىلارى ئەسلىدە بۈگۈن (1-نويابر) لوندون ۋە تۈركىيىگە بېرىپ، تور بىخەتەرلىكى شۇنداقلا ئافغانىستان مەسىلىسى خەلقئارالىق يىغىنىغا قاتنىشىشنى بېكىتكەن، ئەمما يولغا چىقىش ئالدىدا ئۇنىڭ 92 ياشقا كىرگەن ئانىسى ئاغرىپ قالدى.
   ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى ھىلارىنىڭ ۋاشىنگتوندا قېلىپ ئانىسىغا ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ئەمما ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئاشكارىلىمىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博