كازافىينىڭ2- ئوغلى جەنۇبىي ئافرىقا قوراللىق خادىملىرىنى ياللاپ چېگرىدىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنماقتا

0 2011-11-02 11:48:43   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   

     ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 30–ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە ، كازافىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى سيف بىر تۈركۈم جەنۇبىي ئافرىقا قوراللىق خادىملىرىنى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ياللىۋالغان . ئىگىلىنىشىچە ، نۆۋەتتە ، لىۋىيە ۋە نىگېر چېگرىسىغا سيفنى ئىزدەش ئۈچۈن 10 ئايروپىلان توختىتىپ قويۇلغان .
   كازافىنىڭ جەمئىي يەتتە ئوغلى بىر قىزى بار بولۇپ ، يېقىندا پەقەت سيفنىڭلا ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن .
   مەلۇماتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە ، سيف نۆۋەتتە ساخارادىكى بېربېرلار قەبىلىسىدە پاناھلىنىۋاتقان ئىكەن . بۇ قەبىلە لىۋىيە ۋە نىگېر چېگرىسىغا جايلاشقان بولۇپ ، بۇرۇن كازافىنىڭ پۇل ياردىمىگە ئېرىشكەن . سيف بىر تۈركۈم جەنۇبىي ئافرىقا قوراللىق خادىملىرىنى ياللاپ ، نىگېر چېگرىسىدىن كىرىشكەن ئۇرۇنغان . يېقىندا، نىگېر تەرەپ سيفنىڭ كېلىپ پاناھلىنىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
   خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيەسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى لۇيس مۇنداق دېدى : ‹‹ بىز ۋاستىچىلار ئارقىلىق ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇق . ئاڭلىشىمىزچە ، سيف بىر قوراللىق قىسىمنى ئۆزىنىڭ باشقا دۆلەتكە يۆتكىلىشىگە ياردەم بېرىشئۈچۈن ياللىۋالغان ،بىز ئۇلارنى توسماقچى ، بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى جەنۇبىي ئافرىقىلىقكەن ›› . يېقىندائېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە ، سيف ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئىشىنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن خاگېغا جايلاشقان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيەسى بىلەن كۆرۈشكەن ، چۈنكى خاگېدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدىكەن .
   ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا ۋەكىلى نىگېرنىڭ شىمالىدىكى ئاگادېز ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى ئاگادېزدا شۇ يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن خەۋپسىزلىك يىغىنى ئېچىۋېتىپتۇ . ئاگادېز لىۋىيەدىن نىگېرغا ئۆتىدىغان مۇھىم يول بولۇپ ، لىۋىيەنىڭكازافىنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئاسادىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بۇ يەر ئارقىلىق نىگېرغا قېچىپ بارغان .
   خەۋپسىزلىك يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقانبىر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، نۆۋەتتە ،نىگېر بىلەن لىۋىيە چېگرىسىغا سيفنىڭ چېگرىدىن ئۆتكەن–ئۆتمىگەنلىكىنى نازارەت قىلىدىغان 10 ئايروپىلان توختىتىپ قويۇلغان . 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博