ھاسا تاياققا تايانغان مېيىپ بوۋاي يەرگە ئۇرۇق سالماقتا
بىر پۇتى ناكا مېيىپ بوۋاي غەيرەتلىك بوۋاي ھاسا تاياققا تايىنىپ يەر تېرىپ ئىككى نەۋرىسىنى ئوقۇتقان .
پۇ شىڭچۈەن بولسا چۇڭچىڭدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش رايونى يۈنتەي بازىرى مېيتو كەنتلىك ، 1977 - يىلى ، 23 ياش ۋاقتىدا ئەترەت بىلەن ئىشلىگىلى چىققاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن تىك ياردىن تېيىلىپ چۈشۈپ كېتىپ ئوڭ پۇتىنى كىسۋىتىلگەنكەن . پۇ بوۋاي نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەر بىلەن ئوغۇللىرىنى بېقىپ قاتارغا قوشۇپ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىلغانىكەن ، كىم بىلسۇن دەيسىز نەۋرىلىرىمۇ پۇ بوۋايغا قالدى ، تۇرمۇشى تەستە ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بۇ بوۋايغا بۇ جاپانىڭ باشلىنىشنى بولۇپ قېلىشىنى كىممۇ ئويلىغان .
2001 - يىلى چوڭ ئوغلى پۇدەيچىياۋ راك كېسىلى بىلەن قازا قىلغان ، ئىككىنچى يىلى چوڭ ئوغلىنىڭ ئايالى قايتىدىن تۇرمۇشقا چىققان ، تۆت ياشلىق نەۋرىسى پۇلىپىڭ بوۋاي موماي ئىككىيلەنگە قالغان . ئۇزاق ئۆتمەي ئىككىنچى كېلىنى نامراتلىققا چىدىماي ئوغلى پۇۋېينى تاشلاپ كەتتى . ئىككىنچى ئوغلى پۇشىياۋجىياڭ ئاچچىقىدا ئۆينى تاشلاپ سىرتقا ئىش ئىزدەپ چىقىپ كەتكەن ، شۇ كەتكىنىچە ھېچقانداق خەۋىرىمۇ بولمىغان .
موماي قىزىلئۆڭگەچ راكى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن بۇ ئۆينى قامداش پۇ بوۋاينىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى . ئىككى نەۋرىسىنى بېقىش ئۈچۈن پۇ بوۋاي ھاسىغا تايىنىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن يەر تېرىغان . پۇ بوۋاي بىر قېتىم پۇ بوۋاي مايسا تىكىۋاتقاندا سول پۇتى پاتقاققا پېتىپ قېلىپ سۇلۇق ئېتىزلىقتا پۇتىنى مىدىرلىتالماي قالغان . ئىككى نەۋرىسى يېرىم كۈن ھەپىلىشىپمۇ پۇ بوۋاينى پاتقاقتىن تارتىپ چىقىرالماي سۇلۇق ئېتىزدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتكەن . بوۋاي ۋە ئىككى نەۋرە ئۈچەيلەن سۇلۇق ئېتىزلىقتا بىر سائەتكە يېقىن تۇرغاندىن كىيىن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان شۇ يېزىلىق كىشىلەر تەرىپىدىن تارتىپ چىقىرىۋېلىنغان .
پۇ بوۋاينى خۇشال قىلىدىغىنى ئىككىلا نەۋرىسى ئىنتايىن غەيرەتلىك چىداملىق بولۇپ ، ئوقۇش نەتىجىسىمۇ ياخشىكەن . ئۇلارنى كىچىك دېمەڭ ، چوڭى بۇ يىل 12 ياش ، كىچىكى 8ياش ، ئۇلار پۇ بوۋاينىڭ قابىل كىچىك ياردەمچىلىرى ، سۇ تۇتۇش ئوغۇت توشۇش ، ئېتىزلىقتىكى ياۋا ئوتلارنى يۇلۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئىككى شاكىچىكلەر تالىشىپ قىلىدىكەن .