سۈرىيە پىرېزىدېنتى باشار ئاساد 30-ئۆكتەبىر رۇسىيەدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا لىۋىيەدىكى ئەھۋاللارنىڭ سۈرىيەدە تەكرارلانمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، چۈنكى سۈرىيە ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىش پۈتكۈل دۇنياغا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باشار مۇنداق دېدى: سۈرىيە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ھەر قايسى مىللەت، دىن ۋە مەدەنىيەت توپلانغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. سۈرىيە شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم رايون، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى بۇزۇۋېتىلسە قاتتىق يەر تەۋرەشنى پەيدا قىلىدۇ. بىراق بۇ خىل يەر تەۋرەش ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋە مەزكۇر رايونىدىكى بارلىق دۆلەتلەرگىلا زىيان ئىلىپ كەلمەستىن، يەنە مەزكۇر رايونغا يىراق بولغان رايونلاردىكى دۆلەتلەردە ھەتتا پۈتكۈل دۇنياغادا داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ. باشار مۇنداق دېدى: سۈرىيە بىلەن رۇسىيە تارىخىتا مۇستەھكەم مۇناسىۋەت ئورناتقان، رۇسىيە سۈرىيە كىرىزىسىنى ياراشتۇرۇش جەريانىدا ئىنتايىن گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە سۈرىيە ئالدى بىلەن رۇسىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.