ياپونىيىدە پويىز بىلەن ئاپتوموبىل سوقۇلۇپ كېتىپ، بەش ئادەم يارىلاندى

0 2011-11-03 11:03:48   جۇڭگو ئاخبارات تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

     ياپونىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى بۈگۈن (1-نويابر) چۈشتىن بۇرۇن 11دىن 15 مىنۇتلار ئۆتكەندە، ياپونىيىنىڭ سايتاما ناھىيىسىگە جايلاشقان  تۆمۈر يول ئېغىزىدا بىر پويىز بىلەن ئاپتوموبىل سوقۇلۇشۇپ كېتىپ، ئۈچ ۋاگونلۇق پويىز رىلىستىن پۈتۈنلەي چىقىپ كەتكەن، بەختكە يارىشا پەقەت بەشلا ئادەم يارىدار بولغان.
ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، بىر ئاپتوموبىل تۆمۈر يول ئېغىزىدىن ئۆتىۋىتىپ كاشىلا يۈز بېرىپ تۇيۇقسىز توختاپ قالىدۇ. 31 ياشلىق ئايال شوپۇر ماشىنىدىن چۈشۈپ جىددىي پويىز توختىتىش كۇنۇپكىسىنى ئىزدەۋەتقاندا، پويىز كېلىپ قالىدۇ، شۇنداقلا ئۇدۇللا ماشىنىغا سوقۇلىدۇ.
    ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇچ ۋاگون بىراقلا ۋاگوندىن چىقىپ كېتىدۇ، بەختكە يارىشا ئاغدۇرلۇپ كەتمىگەن. ئەينى ۋاقىتتا پويىزدا 35 نەپەر يولۇچى بولۇپ، بۇ ۋەقە پويىز شوپۇرى ۋە بەش يولۇچىنىڭ يارىلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئاپتوموبىل شوپۇرى ماشىنىدا بولمىغانلىقتىن ساق قالغان.
بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن پويىزنىڭ جىددىي تورمۇز قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博