ياخۇنىڭ CEO سى سىتراتىگىيىلىك تاللىشىنى ئاشكارە قىلمىدى

0 2011-10-20 10:35:10   تېڭشۈن تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

 19-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن خەۋەر قىلىشىچە، ياخۇنىڭ كەلگۈسىدە قانداق تاللاشلىرىنىڭ بارلىقى ھەققىدە، ياخۇنىڭ ۋاقىتلىق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم. مورسى سەيشەنبە كۈنى، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ھېچقانداق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىمىگەن. ياخۇ شىركىتى كارول. بارتزنى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغاندىن بۇيان، كۆپچىلىك ئىزچىل ياخۇنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە قانداق تاللاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا يەنى، يېڭى CEO ئىزدەمدۇ، ساتامدۇ، بىرلىشەمدۇ، ياكى باشقا چىقىش يولى ئىزدەمدۇ دېگەن مەسىلىلەرگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى.
تىم. مورسى ياخۇنىڭ ئۈچىنچى پەسىلدىكى تېلېفون يىغىنىدا، ئانالىزچىلارغا مۇنداق دېگەن: «ياخۇنىڭ ياپونىيىدىكى %35 لىك پېيىنىڭ ھازىرقى بازاردىكى قىممىتى ئالتە مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، جۇڭگو ئالىبابادىكى پايچىكىنىڭ بازاردىكى قىممىتى تەخمىنەن 14 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، باجدىن بۇرۇنقىسى بويىچە، ئۈچىنچى تەرەپكە ئاساسەن ئىچكى قىسىمدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يايچېكىنى سېتىۋېلىش بىلەن تەمىنلەيمىز.» يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ شىركەتنىڭ ئاسىيا مەبلىغىگە بولغان مۆلچەر قىممىتى تەخمىنەن 20 مىليارد 400 مىليون بولۇپ، پۈتكۈل ياخۇنىڭ نۆۋەتتىكى 19 مىليارد 500 مىليونلۇق بازار قىممىتىدىن سەللا يۇقىرى، ئالىبابانىڭ لېدىرى مايۈن (بلوگ)، 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ياخۇنى سېتىۋېلىشتىن ئۈمىد بارلىقىنى، بۇنىڭ ياخۇنىڭ ئاسىيا مەبلىغىگە بولغان مۆلچەر قىممىتىدىن تۆۋەن تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياخۇنىڭ تەرەققىياتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ۋە قانداق تاللاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنىڭ ھەققىدە تىم. مورسى بىرەر ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە ياخۇنىڭ يېڭى CEO ئىزدەش ئىشىدىكى تەرەققىيات توغرىسىدىمۇ ھېچنېمە دېمىدى.
ياخۇنىڭ ئاسىيا مەبلىغىگە بولغان مۆلچەر قىممىتىنىڭ ئاشكارىلىنىشى پايچېكلارنى قايىل قىلىپ، تېزدىن يادرولۇق كەسىپكە دىققىتىنى قاراتقۇزالمىدى. ئەكسىچە، مەبلەغ سالغۇچىلار ياخۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى كۈتۈپ قالغاندەك قالىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博