نىتانىياخۇ تىنچلىقنى سۆھبەت ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ دېدى

0 2011-09-19 10:11:27   شىنخۇا ئاگېنتلىقى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    ئىسرائىلىيەنىڭ زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 16-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىقنى پەقەت سۆھبەتلىشىش ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ دېدى.
    نىتانىياخۇ باياناتىدا مۇنداق دېدى: تىنچلىقنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىشى ۋە پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماس بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. تىنچلىقنى پەقەت ئىسرائىلىيە بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
نىتانىياخۇ پەلەستىن رەھبەرلىرىنى ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى دەپ تەنقىدلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: پەلەستىن دائىرىلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئۈنۈمسىز ۋە بىر تەرەپلىمە تەدبىرىدىن ۋاز كەچكەندە، ئىسرائىلىيەنىڭ بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىكى ھەقىقىي شېرىكى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博