ئۈرۈمچى 14 - ئاۋغۇست خەۋىرى ، 14 - ئاۋغۇست سائەت 9 دا ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا ماڭغان 29 نەپەر ساياھەتچى بېسىلغان ئاپتۇبۇس سەپەر ئۈستىدە ، ئالدى تەرەپتە مېڭىۋاتقان كىچىك ماشىنا بىلەن سوقۇلۇپ ، بىرقانچە قېتىم سىلكىنگەندىن كېيىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ، كۆپ نەپەر ساياھەتچىنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول داۋانچىڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى 14 ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن 9دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھامان نەقمەيدانغا يېتىپ كېلىپ ، كىشىلەرنى دەل ۋاقتىدا تارقاقلاشتۇرۇپ ، 120 جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنى چاقىرىپ ساياھەتچىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.
چۈشتىن كېيىن سائەت 19 دا دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولىشىچە پەقەت 2 نەپەر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە يارىسىنىڭ يېنىك ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ، ساقچى تەرەپ ۋەقەنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرمەكتە.