27-ئىيۇل چۈش سائەت 1:لەردە 306يول ئاپتوبۇسى‹شىنجاڭ تىببى ئونۋېرسىتىتى يولى ›دىن‹دوستلۇق شىمالىي يولى ›غا ئەگىلدىغان چاغدا ‹بالىلار باغچىسى›نىڭ ئالدىدىكى قاتناش بەلگىسىگە سوقۇلۇپ كەتكەن ،ئاپتوبۇستىكى بىر نەچچە يولۇچى يارلانغان ‹120›جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى يېتىپ كېلىپ يارلانغان بىر نەچچە يولۇچىنى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتكەن . ئاپتوبۇس شوپۇرى مۇنداق دېدى :‹ مەن ‹شىنجاڭ تىببى ئونۋېرسىتىتى يولى ›دىن‹دوستلۇق شىمالىي يولى ›غا ئەگىلدىغان چاغدا سول تەرەپتىن بىر مىنابوس ئوڭ تەرەپكە قايرىلماقچى بولدى ،مەن مىنابۇستىن قاچۇرۇپ قاتناش بەلگە چىرىغى تۈۋرىكىگە سوقۇلۇپ كەتتىم›.