1998-يىلى 3-ئىيۇن 287ئادەم بار گىرمانىيەنىڭ مىئونخېن شەھىرىدىن خامبۇك شەھرىگە ماڭغان تېز سۈرەتلىك پويىز تۇيۇقسىز رېلىستىن چىقىپ كەتكەن . قىسقىغىنە 180سىكونت ئىچىدە سائىتىگە 200كېلومېتىردىن مېڭىۋاتقان پويىز رېلىستىن چىقىپ دەرەخزارلىق ۋە كۆۋرۈك تەرەپكە قاراپ مېڭىپ 300توننا ئېغىرلىقتىكى كۆۋرۈكنى تۈپتۈز قىلىۋەتكەن .پويىزنىڭ سەككىز ۋاگونى ئۆ-ئارا سوقۇلۇپ پارە-پارە بۇلۇپ كەتكەن .بۇ پاجىئەدە 101ئادەم ئۆلگەن ،88ئادەم ئېغىر يارلانغان ،106ئادەم يىنىك يارلانغان .ئۆلگەنلەردىن ئىككى بالا بارئىدى ،ساق قالغانلاردىن 18بالابۇلۇپ بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئالتە بالا ئانىسىدىن ئايرىلغان.
پارە-پارە بۇلۇپ كەتكەن پويىز ئۆلگۈچىلەرنى ئىككى قېتىم زەخمىلەندۈرگەن .
ۋەقە نەق مەيدانىغا 24ئايروپىلان 60 نەپەر دوختۇر سېستىرا ۋە 150قۇتقۇزۇش ئەترىتى كەلگەن
بۇ يۇقۇرى تېخنىكىلىق پويىز يەتتە يىل قاتنىغان ،بۇ 7يىل جەريانىدا ھېچقانداق ۋەقە يۈز بەرمىگەنىكەن .
1998-يىل گىرمانىيەدە يۈزبەرگەن بۇ ئېغىر پاجىئەدە ئۆلگەنلەرگە دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى ،مۇراسىمغا گىرمانىيە دۆلەت زۇڭتۇڭى خارزوك ،زۇڭلىسى كائېر يۇقۇرى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۇتا ، كېڭەش پىلاتاسى لىتا سكسى نشەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى سىلود قاتارلىقلار قاتناشقان .