تېز سۇرەتلىك چوڭ كوچا ئاپتوبوسى قاتناش سېستىىمىسى(BRT) نىڭ 1-،3-لىنىيەلەرنىڭ توپا-ياغاچ قۇرۇلۇشى تولۇق ئاخىرلىشىپ ،27ئىيۇلدىن باشلاپ بۇ ئىككى لىنىيەدىكى بېكەت سۇپىسى قۇرۇلۇشى پولات قۇرۇلۇشى پولات قۇرۇلمىسىنى قۇراشتۇرۇش باسقۇچىغا كىردى .
بېكەت سۇپىسىنىڭ پولات قۇرۇلمىسىنى قۇراشتۇرۇش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان سېستىمىنىڭ تۇربىلىرىنى ،سىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كۆمۈش خىزمىتى5-ئاۋغۇست تاماملىندۇ ،بېكەتنى بېزەش خىزمىتى 20-ئاۋغۇست ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىندۇ .25-ئاۋغۇستتىن 28-ئاۋغۇستقىچە ئۈسكىنە -ئەسلىھەلەر سىناپ تەڭشىلىدۇ ،28-ئاۋغۇست BRT ئاپتوبوس سىناق تەرىقىسىدە قاتنايدۇ .
ئىگىلىنىشچە BRTنىڭ بېكىتىنىڭ پولار قۇرۇلمىسىغا ئەينەك ئورنىتىلدىكەن ،بېكەتنىڭ ئىچىگە ئسىنىش ئۆيى ۋە ئارام ئېلىش رايونى تەسىس قىلىندىكەن .