كانادانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بېيرد 8-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: كانادا ھۆكۈمىتى لىۋىيەنىڭ بارلىق دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۇلارنىڭ بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.
بېيرد يەنە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: كانادا ھۆكۈمىتى لىۋىيە ئەلچىخانىسىنىڭ كانادادىكى ھەرقايسى بانكىلاردا تەسىس قىلغان ھېسابات نومۇرىنى توڭلاتتى، بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب كازافى رەھبەرلىكىدىكى لىۋىيە ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ يېتىم قالدۇرۇش ۋە ئاجىزلاشتۇرۇش.

ھەمبەھىرلىنىڭ