شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئوتتاۋا، 27 - ماي تېلېگراممىسى: كانادا رادىئو شىركىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: كانادانىڭ نېگىر ئايال ۋالىيسى مىكائېل جون يېقىندا دېڭىز يىلپىزىنىڭ يۈرىكىنى خام يەپ، دېڭىز يىلپىزى ئوۋلاش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ھايۋانلارنى قوغدىغۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي ، يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى چۆچۈتۈۋەتتى .