كانادادا يوقاپ كەتكەن ئىككى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى سۇدا تۇنجۇقۇپ قازا قىلغان بولۇشى مۇمكىن

46 2009-05-26 13:51:59   شىنجاڭ رادىئو خەۋەرلەر تورى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئوتتاۋا، 24 – ماي تېلېگراممىسى. كانادا ئوتتاۋا شەھىرىنىڭ ساقچىلىرى 24 – ماي: ھادىسە يۈز بەرگىنىگە 16 سائەتتىن ئېشىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ ئېقىمى، سۇ تېمپېراتۇرىسى ۋە ھاۋارايى قاتارلىق جەھەتلەردىكى سەۋەبلەردىن، 23 – ماي ئوتتاۋا دەرياسىدا قولۋاق ھەيداۋاتقاندا يوقاپ كەتكەن ئىككى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قازا قىلغانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن، دېدى.

   جۇڭگونىڭ كانادادىكى باش ئەلچىخانىسى ئەمەلدارىنىڭ 24 – ماي كەچتە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، بۇ ئىككى ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى كارلىتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا، بىرى ئالگونكۇئىن ئىنستىتۇتىدا ئوقۇيدىكەن.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى ئوقۇغۇچى 23 – ماي چۈشتىن كېيىن بىرقانچە دوستى بىلەن ئوتتاۋا دەرياسىنىڭ بويىدىكى بىرىتانىيە باغچىسىغا بېرىپ، دالىدا تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى ئۆتكۈزگەن. كەچ سائەت ئالتىدىن ئاشقاندا ئىككىيلەن ئۆزى سېتىۋالغان تۇلۇم قولۋاق بىلەن باغچىدىن دەرياغا چۈشكەن، ئارىدىن بىر سائەت ئۆتكەندە قىرغاقتىكى دوستلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. كۆپ قېتىم تېلېفون بېرىپمۇ ئالاقىلىشەلمىگەندىن كېيىن، قىرغاقتىكىلەر ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلغان. شۇ كۈنى كەچتە ئوتتاۋا ساقچىلىرى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال ئىزدەش – قۇتقۇزۇشقا كىرىشكەن، ئەمما ئەتىسى تاڭ سەھەر ئۈچتە ئاران ئۇلار ئولتۇرغان تۇلۇم قولۋاقنىلا تاپالىغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博