نۆۋەتتە ئۆي باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈۋاتقان كۈنلەردە نۇرغۇن كشىلەر ئۆي سېتىۋېلشىقا ئامالسىز ئىجارە ئۆيلەردە ئولتۇرماقتا. ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ، ئېستىمال كېڭىيىپ، ئۆي سېتىۋېلىش كشىلەرنىڭ بېشىدىكى بىر چوپڭ تاغ بولماقتا. نۇرغۇن كشىىلەر خىزمەتكە چىققاندىن تارتىپ ئۆي سېتىۋېلشىنىڭ غېمىدە يۈرۈپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا سالامەتلىكىدىن چاتاق چىقىپ، يېتىپ قالاي دېگەندە ئاران بىر يۈرۈش ئۆيگە ئېرىشىدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا بىر ئۆمۈر ئۆينىڭ غېمىدە يۈرۈپ، يەنە ئۆي دەپلا ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار ئېستىمال سەۋىەيسى يۇقىرى بولغان شەھەرلەردە دائىم ئچۇراپ تۇرىدۇ.
ئەمما چەتئەللەردە كىشىلەر بۇ خىل كرىزىسقا قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانغان. بۇ بولسىمۇ «زامانىۋى گەمە» دىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئەنئەنىۋى گەمىلەردىن پەرقلىنىدىغان يېرى شۇكى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممە نەرسە زامانىۋىلاشقان. يەنە سىز ئۆي سېتىۋالالماي ئاۋارىمۇ؟ ئەگەر شەھەر مەركىزىدىن ئۆي سېتىۋىلالمىغان بولسىڭىز، شەھەر ئەتراپىدىكى مەنزىرىلىك، ئىجارىسى تۆۋەن جايلاردا ئۆزگىچە قىلىپ «زامانىۋى گەمە» قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ خىل گەمىلەر بەزى داچىلاردىنمۇ قىلىشمايدۇ. ئۇنداقتا، بىز تۆۋەندە چەتئەللەردىكى بىر قىسىم «زامانىۋى گەمە» لەرنى كۆرۈپ باقايلى: