جېجاڭلىق بىرسىگە 514مىلىيون يۈەن مۇكاپات چىقتى

02011-07-29 15:50:38   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    

514مىلىيون چىققان ئورۇن

    پاراۋانلىق لاتارىيىسىنىڭ 11086-قارارلىق قوش رەڭ توپ مۇكاپاتى 26-ئىيۇل كەچتە ئېلان قىلىندى ،مۇكاپات قىزىل رەڭ توپ :06 07 09 12 17 24 ۋە كۆپ رەڭ توپ :09غا چىقتى .ئىگىلىنىشچە ،بۇ قېتىم 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 113ى چىققان ،ھەربىرىنىڭ مۇكاپات سوممىسى 5مىلىيون ن140مىڭ يۈەن بولغان .
    ئادەمنى ھەيران قالدۇرغان ئىش شۇكى ،1-دەرىجىلىك 100مۇكاپات شاۋشىڭ شەھرىدىكى 22040602-نومۇرلۇق لاتارىيە سېتىش ئورنىدا سېتىلغان لاتارىيە چىققان . بۇ ئورۇننىڭ خوجايىنى مۇنداق دېدى :100ھەسسىلەنگەن بۇ نومۇرنى بىر ئادەم سېتىۋالغان ،شۇڭا ئاز بولغاندىمۇ 514مىلىيون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ ،بۇ جوڭگو لاتارىيە تارىخدىكى ئەڭ چوڭ مۇكاپات.