ئادەمنى توڭلۇتۇش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلغۇچى توڭلىتىلدى

0 2011-07-29 11:56:24   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   ئامېرىكىنىڭ مىچىگان ئىشتاتىدىكى كىلىنتون بازىرىدا قارىماققا ئادەتتىكى خىزمەت بىناسىغا ئوخشاش ياسىغان بىر بىنا بار ،ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدە 100ئادەم لەيلەپ يۈرگەن تولىمۇ چوڭ بوتۇلكا بار ،بۇ بوتۇلكىغا ئازوت گازى قاچىلانغان .بۇ كىشىلەر ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ،كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېدىتسىنا تەرەققىي قىلىپ مۇناسىپ تېخنىكا ۋۇجۇتقا كەلسە قايتا تىرىلىشنى ئۈمۈد قىلىپ ،ئادەم توڭلىتىش تەتقىقات مەركىزىگە ئۆزىنى توڭلىتىپ ساقلاش ئىلتىماسىنى سۇنغانلار ئىدى .
  بۇ خىل تېخنىكىنىڭ باشلامچىسى روبېرت ئېتتىگىرمۇ ئاخىرى ‹گۆش چوكا مۇز ›غا ئايلاندى ،بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن  ئۇنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتكەن ھەمدە 23-ئىيۇل باقىي ئالەمگە سەپەر قىلغانىدى .93ياشقا كىرگەن ئۇ بۇ يەرگە كېلىپ تۇنجى ۋە 2-خوتۇنى ،يەنە ئانىسىغا ھەمرا بولدى .
  ئېتتنگىر يېتىل جونىس يازغان ‹جامسوننىڭ سۈنئىي ھەمرا ›ناملىق رومانىدىن زور ئىلھام ئالغان .بۇ روماندىن بىر پىرافېىسورنىڭ ئالاھىدە ياسالغان ئەسۋابلاردىن پايدىلىنىپ جەسىتىنى ئالەمگە ئىلىپ چېققان ،مىليون يىللاردىن كېيىن ماشىنا ئادەملەر ئۇنىڭ بېشىنى  ماشىنا ئادەم بەدىنىگە ئۇلىغاندىن كېيىن ،ئۇنىڭ قايتا تىرىلگەنلىكى بايان قىلىنغانىدى .
   ھازىر بۇ خىل تېخنىكا ھايۋان بەدىنىدە سىناق قىلغىنىدا مۇددىئا ھاسىل بولغان ،شۇڭا بۇ زامانىۋى تىبابەتچىلىك ساھەسىدە قوللىنىشقا بولىدىغان تېخنىكا ھېسابلىندۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر