<بازاتەشكىلاتى>كارتون فىلىم ئىشلەپ بالىلارنى تەشكىلاتىغا قىزىقتۇردى

1 2011-07-21 18:04:30   تېڭشۈن تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

21-ئىيۇل ‹بازا تەشكىلاتى ›نىڭ يەمەندە   كارتون تۈس ئالغان ئېلانى چىقىرىلدى ،ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى بالىلارنى بۇ تېرورلۇق تورىغا قاتناشتۇرۇش ئىدى .

    بۇ تەشكىلاتنىڭ چىقارغان قىسقا كارتون فىلىمىدا  ھەربىيچە كىيىنگەن ئوغۇل بالىلار ھەرخىل ھۇجۇم،مەخپىي ئۆلتۈرۈش ۋە تېرورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان .
بۇ تەشكىلات يېڭىچە ۋاستە ئارقىلىق يېڭى ئەزالارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلماقچى .يېقىندا  يەمەننىڭ يەنە بىر تەشكىلاتى توردا  ئاياللار ژورنىلى تارقاتتى ،بۇ ژورنالدا ئاساسلىق گىرىم قىلىش ۋە ئىپپەت نومۇسىنى ساقلاش توغرىسدىكى مەزمون ئىكەن .
  

   مۇتەخەسىسلار بۇنىڭغا مۇنداق دېدى :بۇقىسقا كارتون فىلىمىنى  (دىسنىي كارتونىغا) ئوخشىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ غەرىب ئەللىرىگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە ئىسلام يولىدىكى بۇ ئۇرۇشنىڭ ھامىنى يېڭىدىغىنىنى ،شۇنىڭ بىلەن  بىللە بالىلارنىڭ  بۇ تەشكىلاتقا قاتناشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان . بۇ تەشكىلاتلارنىڭ بالىلارغا بۇنداق تەشۋىقات قېلىشى ئاتا-ئانىلارنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ،دېدى. 
     

    <بازاتەشكىلاتى> بۇ كارتون فىلىمنى  تورداتارقىتىشتىن سىرت يەنە  dvd پىلاستىنكا قىلىپ تارقاتتى .
  

   ھازىر نۇرغۇن غەرب ئەللىرى بۇلۇپمۇ ئەنگىلىيە بىلەن ئامېرىكا ‹بازا تەشكىلاتى ›نى ئۆزىنىڭ  ئەڭ چوڭ تەھدىتى دەپ بىلىدۇ .يەمەندە 20-ئىيۇل ئاپتوموبىل پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، بۇ ۋەقەدە بىر ئەنگىلىيىلىك ئۆلۈپ نۇرغۇن ئادەم يارلانغان.
  

    بەش ئايدىن بېرى زۇڭتۇڭ سالىخنىڭ مۇستەقىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزىشىگە قارشى نامايىشلار بولغان ،شۇنىڭ بىلەن يەمەننىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى بەربات بۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان .ئامېرىكا ۋە خوشنا ئەللەر ‹بازا تەشكىلاتى ›نىڭ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلىشىدىن قورقان .
   

    5-ماي ‹بازا تەشكىلاتى ›ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى تارمىقى  يەمەننىڭ ئەبيان ئۆلكىسى زىنجىباردا (ئىسلام قەبىلە دۆلىتى )قۇردى .ئۇلار  لادىننىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن داۋاملىق ئۇرۇش قىلىشنى توختىتپ قوغىنى يوق   .
 

‹بازا تەشكىلاتى ›2009يىلى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى تەشكىلاتى بىلەن يەمەن ئارىلىدىكى تەشكىلاتىنى بىرلەشتۈرۈشتىن كەلگەن .بۇ تەشكىلات قۇرۇلۇپلا 2009-يىلدىكى ئامېرىكىدا ئەمەلگە ئاشمىغان روژدېستوۋا پارتىلىتىش پىلانى ۋە 2010يىللىق ئامېرىكا پوسۇلكا پارتىلىشتەك بىر قاتار تېرورلۇق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان .     ئەبيان ئۆلكىسى ‹بازا تەشكىلاتى›نىڭ ئەرەپ يېرىم ئارىلىدكى مۇھىم بىر ئورنى .

 

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博