شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 2 - ئىيۇن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: قولغا چۈشكەن ئەڭ يېڭى ئاخباراتلارغا قارىغاندا، ئۇرۇش قىلىش تەجرىبىسى مول رادىكال ئۇنسۇرلار پاكىستان بىلەن ئاففانىستاننىڭ چېگرىسىدىكى ئۇۋىلىرىدىن چىقىپ، شەرقىي ئافرىقىغا يۆتكىلىۋېتىپتۇ.
ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە تېرورلىققا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دېيىشتى: كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بۇ خىل ئۆزگىرىش كىشىلەرنى قورقۇنچقا سالدى، ئۇلار سۇمالىنىڭ يەنە بىر ئاففانىستانغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن، سۇمالىدىكى «بازا» تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار تەشكىلاتلارنىڭ غەرب ئەللىرىگە تېرورلۇق ھۇجۇمى قىلىشىدىن ئەنسىرەپ قالدى.