« بازا » تەشكىلاتىنىڭ ئادەملىرى « خىپ - خوپ » ناخشىسى ئېيتتى

638 2009-05-06 12:54:02   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 5 - ماي تېلېگراممىسى: ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: « بازا » تەشكىلاتىنىڭ سۇمالىدىكى شۆبىسى - « ئەل - شاۋاب » يېقىندا ئېلان قىلغان سىنئالغۇ لېنتىسىدە يېڭىچە « غازات » تەشۋىقات ئۇسۇلى كۆرسىتىلدى، يەنى كۆرۈنۈشنىڭ ئاخىرىغا ئۇلارنىڭ « غازات » تەشۋىق قىلىنىدىغان « خىپ - خوپ » ناخشىسى كىرىشتۈرۈلدى.

  18 مىنۇت ئېيتىلغان بۇ ناخشىدا « بىر پاي توپ ئوقى، بىر پاي ئوق قالغىچە ئېلىشايلى، ئۇلارنى دوزاخقا مەھكۇم قىلايلى، ھەرگىز توختاپ قالمايلى! » دېگەندەك چۈشىنىكسىز مىسرالار بار ئىكەن. سىنئالغۇ لېنتىسىدە يەنە ئەبۇ مەنسۇر ئامۇرىكى دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئادەم پەيدا بولۇپ، ساپ ئىنگىز تىلىدا بىر نەسىلەرنى دەپ ۋارقىرىغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博