ئۆتكەن بە ش يىلدا ھەر يىلى 76مىڭ ئادەم قاتناش ۋەقەسىدە قاز قىلدى

02011-07-21 15:20:03   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

دۆلەت بىخەتەرلىك نازارەتچىلىك قىلىش باش ئىدارىسى 19-ئىيۇل ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى :11-بەش يىللىق يىرىك پىلان (2006-يىلدىن 2010-يىلغىچە )مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن تاشيول قاتناش ۋەقەلىرى ھەر يىلى تەخمىنەن 76مىڭ ئادەم قازا قىلدى ،بۇ بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىشقا ئائىت ۋەقەلەردە قازا قىلغانلار ئومومىي سانىنىڭ %80ىدىن ئېشىپ كەتتى .
دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىشقا نازارەت قىلىش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ دېشۆ مۇنداق دېدى :بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان يۈز بەرگەن 10قېتىملىق ئېغىر قاتناش ۋەقەسىنىڭ توققۇز قېتىملىقى يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا چېتىلدى ،شۇڭا يۇلوچى توشۇش تىرانسپورتى نۆۋەتتىكى تاشيول بىخەتەرلىك خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بۇلۇپ قالدى.