18-ئىيۇلدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا ئىسرائىلىيە تېل ئاۋېۋ شەھرىدە ئامما كوچىغا چىدىر ئۆي قۇرۇپ ئۆي باھاسىنىڭ يۇقۇرلىقىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى.
يۈزلىگەن ئوقۇغۇچى ۋە خىزمەتچىلەر ئالدىنىقى ھەپتىدىن باشلاپ ئىسرائىلىيە تېل ئاۋېۋ شەھرىنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىسىدا چىدىر ئۆيلەرنى قۇرۇپ ئۆي باھاسىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئۆرلىگەنلىكىدىن نارازى بۇلغانلىقىنى بىلدۈردى ،ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى .ئەگەر بۇ مەسىلىنى ھۆكۈمەت ھەل قىلمىسا داۋاملىق چىدىر ئۆيلەردە تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
17-ئىيۇل ئىسرائىلىيە ئۆي -مۈلۈك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇ ئىشقا قارىتا مۇنداق دېدى : تېل ئاۋېۋ بىلەن يېرۇسالىم دەك چوڭ شەھەرلەردە ئۆي ئېھتىياجى ھەقىقەتەن جىددى بۇلىۋاتىدۇ ،بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ،كۆپلىگەن ئامېرىكىلق ۋە ياۋروپا ئەللىردىكى يەھۇدىلەر ئىسرائىلىيە شەھەرلىرىنىڭ مەركىزىدىن ئۆي سېتىۋالدى،بۇلار ئىسرائىلىيەگە يىلدا ئىككى ئۈچ قېتىملا كېلىدۇ .شۇ سەۋەپ ھازىر ئىسرائىلىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ئۆي كەمچىل بۇلۇش ئۆي باھاسى يۇقۇرى بۇلۇشتەك ئەھۋال كۆرۈندى .ئىدارە باشلىقى يەنە :‹ھازىر ئەرزان بولغان ئۆيلەر شەھەرنىڭ چەت رايونلىرىدا بۇلۇپ يەرلىك ئاھالىلەر بۇ يەردىن ئۆي سېتىۋېلىشنى خالىمايدۇ. ئەگەر خالىغانلارغا بىز پۇل جەھەتتىن ياردەم بېرىمىز› دېدى.